باش بەت>چارۋىچىلىق

گۆش چارۋىسى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى بازارغا سېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى

يوللانغان ۋاقىت:2017-02-09 19:21:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن- تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان

گۆش چارۋىسى ۋە ئۆي قۇشلىرىنى بېقىپ بەلگىلىك تەن ئېغىرلىقىغا يەتكەندە ئاندىن بازارغا سالسا، بېقىش دەۋرىنى قىسقارتىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.


گۆش توخۇسى: مېكىيان يەتتە ھەپتىلىك، خوراز توققۇز ھەپتىلىك بولغاندا ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، گۆش توخۇسى سەككىز-توققۇز ھەپتىلىك بولۇپ، تەن ئېغىرلىقى 1.8-2.2 كىلوگىرامغا يەتكەندە بازارغا سالسا ئەڭ ياخشى. بۇ مەزگىلدە گۆش توخۇسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى يۇقىرى چەككە يەتكەن، گۆش سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، ۋاقتىدا بازارغا سالسا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.


گۆش ئۆردىكى: گۆش ئۆردىكى ئالتە ھەپتىلىك بولغاندا تەن ئېغىرلىقى 2.5kg غا، يەتتە ھەپتىلىك بولغاندا 3kg غا يېتىدۇ، سەككىز ھەپتىلىك بولغاندا 3.2kg دىن ئاشىدۇ. ئەگەر، تۈركۈملەپ بازارغا سالماقچى بولسا، گۆش ئۆردىكى سەككىز ھەپتىلىك بولۇپ كۆكرەك قىسمى گۆشكە تولغاندا بازارغا سالسا، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.


گۆش توشقىنى: گۆش توشقىنىنى جىنسى ۋە تەن قۇرۇلمىسى جەھەتتىن يېتىلىپ بولغاندا بازارغا سالسا ئەڭ ياخشى. ئادەتتە، گۆش توشقىنىنىڭ تەن ۋە جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشى بەلگىلىك قانۇنىيەتكە ئىگە. كىچىك تىپتىكى گۆش توشقىنى 3.5 ئايلىقتىن بەش ئايلىققىچە بولغاندا، ئوتتۇرا ھال تىپتىكى گۆش توشقىنى تۆت ئايلىقتىن يەتتە ئايلىققىچە بولغاندا، چوڭ تىپتىكى گۆش توشقىنى بەش - ئالتە ئايلىق ۋە سەككىز - 10 ئايلىق بولغاندا جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىپ بولىدۇ. گۆش توشقىنى جىنسىي جەھەتتە تولۇق يېتىلىپ، بىر - 1.5 ئايدىن كېيىن ساتسا ئەڭ ياخشى.


گۆش كالىسى: گۆش كالىسى بىر ياشقا كىرگىچە ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولىدۇ، بىر ياشتىن كېيىن ئۆسۈشى تەدرىجىي ئاستىلايدۇ، ئىككى ياشقا كىرگەندە ئۆسۈشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. شۇڭا، موزاينى تۆت -ئالتە ھەپتىلىك بولغاندا سۈتتىن ئايرىپ، تۈجۈپىلەپ بېقىپ، 1.5 ياشقا كىرگەندە ساتسا ئەڭ مۇۋاپىق.