باش بەت>چارۋىچىلىق

يەرلىك توخۇ بېقىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-02-10 10:46:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن- تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان


       يەرلىك توخۇ ئۆي قۇشلىرىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، گۆش توخۇسى ۋە تۇخۇم توخۇسىدىن پەرقلىنىدۇ. يەرلىك توخۇ باققاندا ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىش ناھايىتى مۇھىم.

      1. چۈجە كىرگۈزگەندە 1- ھەپتىسى ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە 50 چۈجە توغرىلاپ، ئايرىم توپ قىلىپ بېقىش، ئەۋرىشىم يالتىراق تور ياكى بامبۇك تور قەپەزدە باققاندا تور ئۈستىگە يېڭى، پاكىز، قۇرۇق شال پاخىلى يېيىتىش كېرەك. پاخالنىڭ قېلىنلىقى چۈجىنىڭ مايىقى پاخال ئارىسىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكۈدەك بولسا مۇۋاپىق. 2- ھەپتىسى ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە 40 چۈجە توغرىلاپ بېقىش، شال پاخالنى چۈجىنىڭ مايىقى پاخالغا تەگمەي بىۋاسىتە يەرگە چۈشۈپ كەتكۈدەك قېلىنلىقتا يېيىتىپ قويۇش كېرەك. 3- ھەپتىسى ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە 30 چۈجە، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەپتىدىن باشلاپ ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە 10 چۈجە توغرىلاپ بېقىش كېرەك.

       2. يەرلىك توخۇ چۈجىلىرىنى يېشى، كۈچلۈك ـ ئاجىزلىقى، جۇغىنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكى ۋە خوراز، مېكىيانلىقىغا قاراپ توپقا ئايرىپ بېقىش كېرەك.

       3. توخۇ كاتىكىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى چۈجە كىرگۈزگەن 1- ھەپتىسى 32 تا تىزگىنلەپ، كېيىنكى ھەپتىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە 2.5 تىن تۆۋەنلىتىپ، ئاخىرىدا 21 تا ساقلاش كېرەك.

      4. توخۇ كاتىكىنى بىر سائەت يورۇتۇش، ئۈچ سائەت قاراڭغۇ تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق، ھەرىكەت قىلىش ۋە ئارام ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىقلاشتۇرسا، يەرلىك توخۇنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى ۋە داندىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى ھەم توكنى تېجىگىلى بولىدۇ. توخۇ كاتىكىنىڭ يورۇتۇش دەرىجىسىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا  قاراپ بېكىتسە بولىدۇ.

       5. يەرلىك توخۇ چۈجىسىنى 25 كۈنلۈك بولغاندىن باشلاپ يايلىتىپ باقسا بولىدۇ، بۇ، چۈجىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىلنىڭ بىرى.