باش بەت>چارۋىچىلىق

يەم–خەشەك ۋە خۇرۇجلارنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-05-27 21:05:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

    يەم – خەشەك ۋە خۇرۇجلار مۇۋاپىق ئىشلىتىلمىسە چارۋىچىلىققا بىۋاسىتە تەسىر قىلىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا چارۋىلارنى داۋالاش مەزگىلىدە بىر قىسىم يەم – خەشەك ۋە خۇرۇجلارنى بەرمەسلىك كېرەك.

    1. سىنك بىلەن كالتسىينىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئۆزئارا قارىمۇ قارشىلىق بولغاچقا، چارۋىلارغا سىنك سۇلفات بەرگەندە تاش تالقىنى، قۇلۇلە تالقىنى قاتارلىق كالتسىي مول ئوزۇقلۇقلارنى بەرمەسلىك كېرەك؛

    2. چىگىت كۈنجۈرىسى ۋىتامىن Aنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ۋىتامىن A كەملىكنى داۋالىغاندا، چارۋىلارغا چىگىت كۈنجۈرىسى بەرمەسلىك كېرەك؛

    3. چارۋىلارغا تۆمۈر سۇلفىد، تۆمۈر خىلور بەرگەندە سۆڭەك تالقىنى، كالتسىي فوسفات بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى فوسفورنىڭ مىقدارى ئېشىپ كەتسە، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ؛

    4. سۆڭەك تالقىنى، تۇخۇم شاكىلى تالقىنىنى تېتراتسىكلىن (素环四) بىلەن قوشۇپ بەرمەسلىك كېرەك؛

    5. چارۋىلارنى كالىي بىروم، ناترىي بىروم، كالتسىي بروم قاتارلىق دورىلار بىلەن داۋالىغاندا ئاش تۇزى بەرمەسلىك كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا چارۋىلارنى سىتروپتومىتسىن (素霉链) بىلەن داۋالىغاندىمۇ ئاش تۇزى بەرمەسلىك كېرەك؛

    6. چارۋىلارنى تېتراتسىكلىن، تېررامىتسىن (素霉土) قاتارلىق ئانتىبىيوتىك دورىلار بىلەن داۋالىغاندا سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى بۇ خىل پۇرچاق تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي ئېلېمېنتى كۆپ بولۇپ، بۇ خىل دورىلار بىلەن ئۇچراشقاندا دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛

   7. چارۋىلاردىكى سۆڭەك يۇمشاش كېسىلىنى داۋالىغاندا كېپەك بەرمەسلىك كېرەك. چۈنكى كېپەكتە فوسفور كۆپ، كالتسىي ئاز بولغاچقا، كالتسىي بىلەن فوسفورنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، دورىنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛

    8. چارۋىلارغا ۋىتامىن C بىلەن مىس سۇلفاتنى قوشۇپ بەرمەسلىك، كالتسىي بەرگەندە پالەك بەرمەسلىك كېرەك؛

    9. چارۋىلارغا ۋىتامىن D3نى بەرگەندە كالتسىي كاربونات، تاش تاشلىقىنى بەرمەسلىك كېرەك؛

    10. چارۋىلارنى پېنىتسىللىن (素霉青)، سىتروپتومىتسىن بىلەن داۋالىغاندا تېررامىتسىن بەرمەسلىك كېرەك؛

    11. چارۋىلارغا سۈت كۆپەيتكۈچى دورىلارنى بەرگەندە ئارپا ئۈندۈرمىسى بەرمەسلىك كېرەك؛

    12. چارۋىلارغا مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A، D، E، B12 نى بەرگەندە تۆمۈر سۇلفات، تۆمۈر سۇلفىد بەرمەسلىك كېرەك.

    ئىمىن قادىر تەييارلىغان