باش بەت>چارۋىچىلىق

قوينىڭ قورسىقى كۆپۈشنى داۋالاش

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 11:43:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇخبىرى ۋاڭ فېي خەۋىرى: شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مال دوختۇرلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ياڭ شۆيۈن مۇنداق دېدى: قوي بورداش جەريانىدا كېسەل، يەم ئالماشتۇرۇش، كېلىمات ئۆزگىرىشى، رېتسىپنى تەڭشەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بەزى قويدا قورسىقى كۆپۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بىرتەرەپ قىلىش توغرا بولمىسا، ئۆلۈپ قالىدۇ.

ياڭ شۆيۈن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: قوينىڭ تۆت قېرىنى بار، ئادەتتە قوي يېگەن يەمنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىرىنچى قېرىنى ــ چوڭ قېرىندا ساقلىنىدۇ. قوي ئارام ئېلىپ كۆشىگەندە يەمنى چىقىرىپ قايتا چايناپ يۇمشىتىدۇ. چوڭ قېرىنى ئومۇمىي قېرىن ھەجمىنىڭ %70 ىنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا ئاسان مەسىلە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر، قوي يەمنى كۆپ يەۋىلىشتىن قورسىقى كۆپسە، ئادەتتە چوڭ قېرىنىغا يەم تىقىلىشتىن، بولۇپمۇ ئاسان ھەزىم بولمايدىغان يەملەرنى يېيىش ياكى يەم رېتسېپىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىشتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا، قول بىلەن ئۇرغاندا دۇمباق ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى چوڭ قېرىنىدىكى بۇ گازلار ئېچىپ زەھەرلىك گازغا ئۆزگىرىپ، قوينى زەھەرلىشى مۇمكىن.

چوڭ قېرىن كۆپۈش يەم تىقىلىپ كۆپۈش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك چوڭ قېرىن كۆپۈشتىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئەگەر، يەم تىقىلىپ كۆپكەن بولسا، قوينىڭ چوڭ قېرىنى لىق تولغان بولۇپ، قول بىلەن باسقاندا چىڭ بولىدۇ، كۈچەپ باسقاندا ئويمان پەيدا بولىدۇ، چوڭ قېرىننى تىڭشىغاندا لۆمۈلدىشى ئاجىز، قېتىم سانى ئازايغان بولىدۇ. ئەگەر، جىددىي خاراكتېرلىك چوڭ قېرىن كۆپۈش بولسا، تىڭشىغاندا قېرىندا ناغرا ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، بۇنى ئاسان پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

يەم تىقىلىپ كۆپكەندە چوڭ قېرىن يەمگە تولغان بولۇپ، ھەزىم قىلىشى ناچارلاشقان، چوڭ قېرىننىڭ ھەجمى چوڭايغان، گازغا تولغان بولىدۇ. بۇ، قوتاندا باققان قويدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، لېكىن بۇ كېسەل بىرقەدەر ئاستا بولۇپ، تەدبىر قوللىنىشقا يېتەرلىك ۋاقىت بولىدۇ. ئالدى بىلەن قوي ئېغىزىغا كۆشەك سېلىپ، ئېغىزدىن گاز قويىۋېتىش كېرەك. دۆڭگە ھەيدەپ ھەرىكەتلەندۈرسە تېخىمۇ ياخشى. ئاندىن پاراففىن مېيى (شىلايوۋ石蜡油) ياكى سۇ يېغى ئىچكۈزسە ياكى رەۋەن-سودا تابلېتى (داخۇاڭ سۇداپيەن大黄苏打片) يېگۈزسە، چوڭ قېرىننىڭ كىسلاتالىق دەرىجىسىنى نېيتراللاشتۇرىدۇ؛ مەقىتىدىن كەيسەيلۇ (开塞露)نى كىلىزما قىلىپ، ماياقلىشىغا ياردەم قىلسىمۇ بولىدۇ. قىسقىسى، ھەزىم قىلالمىغان نەرسىنى چىقىرىۋەتسە، قورساق كۆپۈش ساقىيىدۇ. 

جىددىي خاراكتېرلىك چوڭ قېرىن كۆپۈش كىسلاتادىن زەھەرلىنىشمۇ دېيىلىدۇ. بۇ، قوي ئاسان ئېچىيدىغان يەمنى كۆپ يېگەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا پاراففىن مېيى ئىچكۈزسە ئىچىنى سۈردۈرىدۇ. قويغا شياۋ چىلىڭ(消气灵) ئىچكۈزۈپ، ئاندىن ئاغزىغا كۆشەك سېلىپ قويۇپ، قوينىڭ سول بېقىنىنى رېتىملىق ئۇۋۇلىسا، گازنى چىقىرىشقا ياردىمى بولىدۇ.

    ياڭ شۆيۈن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەگەر، يۇقىرىدىكى ئىككى خىل ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمىسە، دەرھال كەسپىي خادىم چاقىرىپ چوڭ قېرىننى تېشىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، ئەمما بۇنى ئۆزى قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، گازنى چىقىرىۋېتىش بەك تېز بولۇپ كەتسە، مېڭىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن قوي ئۆلۈپ قالىدۇ.