باش بەت>چارۋىچىلىق

قوي، كالا بورداش

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 11:49:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇخبىرى جوۋ لىڭ خەۋىرى: شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى يەم-خەشەك تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى قايىرغالى سابۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوخشىمىغان قوي، كالىنىڭ بوردىلىش پەرقى چوڭ بولىدۇ، ئادەتتە گۆشى ئىشلىتىلىدىغان نەسىلنى بورداش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى، گۆش، يۇڭى ئىشلىتىلىدىغىنىنىڭ ئوتتۇرا ھال، يۇڭى ئىشلىتىلىدىغان نەسىلنىڭ نىسبەتەن بىرقەدەر ناچارراق بولىدۇ؛ يەرلىك نەسىل ۋە ئەسلىي نەسىلنى بورداش ئۈنۈمى نەسلى ياخشىلانغان ۋە يېتىشتۈرۈلگەن نەسىلنىڭكىگە يەتمەيدۇ؛ بىر مەنبەلىك شالغۇتلاشتۇرۇلغىنىنىڭ كۆپ مەنبەلىك شالغۇتلاشتۇرۇلغىنىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. نۆۋەتتە، يەرلىك نەسىل ياكى شالغۇتلاشتۇرۇپ نەسلى ياخشىلانغانلىرى كۆپ ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئالتاي قويى، قازاق قويى ۋە خوتەن قويى قاتارلىق يەرلىك نەسىللەر، باشقا نەسىلدىكى قوچقارنى بۇ قويلار بىلەن چېتىشتۇرۇپ ئېلىنغان ئەۋلادى شالغۇت نەسىل ياكى ياخشىلانغان نەسىل بولىدۇ.

بوردىلىدىغان قوي، كالا نەسلىنى تاللاش توغرىسىدا قايىرغالى سابۇر مۇنداق دېدى: قوي بورداشتا ئەڭ ياخشىسى ساغلام، كېسەل تەگمىگەن يەرلىك نەسىلنى سېتىۋېلىش كېرەك. بولسا 1 ياش ئەتراپىدىكى قىرغىز قويىنىڭ ئىرىكىنى سېتىۋېلىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا شالغۇت قوي (كىرگۈزۈلگەن گۆش قويىنىڭ قوچقىرى بىلەن قىرغىز قويى ساغلىقىنى شالغۇتلاشتۇرغاندىكى ئەۋلادى)نى تاللاش كېرەك. كالا بورداشتا، ساغلام، كېسەل تەگمىگەن يەرلىك نەسىلنى سېتىۋېلىش كېرەك. بولسا 2 ـ 3 ياشلىق يەرلىك نەسىلدىكى كالىنى تاللاش؛ ئۇنىڭدىن قالسا شالغۇتلاشتۇرۇلغان كالا (كىرگۈزۈلگەن گۆش كالىسى بۇقىسى بىلەن يەرلىك ئىنەكنى چېتىشتۇرغاندىكى ئەۋلادى)نى تاللاش كېرەك. شارائىت بولسا, سىمىنتال كالىسىنى بوردىسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى.

قايىرغالى سابۇر مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا، قوچقار ۋە بۇقىنى بورداش ئۈنۈمى ساغلىق ۋە ئىنەكنى بورداش ئۈنۈمىدىن ياخشى، پاقلان ۋە ياش كالىنى بورداش ئۈنۈمى بىراك قىلىنغان قوي ۋە كالىنى بورداش ئۈنۈمىدىن ياخشى، شالغۇت قوي ۋە كالىنى بورداش ئۈنۈمى يەرلىك قوي ۋە كالىنى بورداش ئۈنۈمىدىن ياخشى بولىدۇ، ئىرىك پاقلان چىشى پاقلانغا قارىغاندا تېز ئەت ئالىدۇ. ئەركەك پاقلاننى قوتاندا بوردىغاندا 8 ـ 10 ئايلىق بولغاندىلا بازارغا سالغىلى بولىدۇ، يايلىتىپ بورداشقا ئىرىك قوي مۇۋاپىق. 

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن