باش بەت>چارۋىچىلىق

قوزىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېقىش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 11:59:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


مۇۋاپىق ۋاقىتتا قوشۇمچە يەم بېرىش

قوزا سۈتتىن ئايرىلمىغان مەزگىلدە قوشۇمچە يەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمى سۈتتىن ئايرىغاندىن كېيىن يەم تولۇقلاشقا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. قوزا بىر ھەپتىلىك بولغاندىن كېيىنلا يەم چاينىيالايدۇ، لېكىن 3-4 ھەپتىلىك بولغىچە يەنە ساغلىقنىڭ سۈتىنى ئاساسىي ئوزۇق قىلىدۇ. گەرچە، قوزا 3-4 ھەپتىلىك بولغاندىن كېيىن يەم سەرپىياتى كۆپىيىشكە باشلىسىمۇ، لېكىن بۇ مەزگىلدىكى يەم تولۇقلاش نورمال چوڭ قېرىن ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يەم يېيىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم. قوزا ئۈچ ھەپتىلىك بولغاندا كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يەم سەرپىياتى 0.07kg، تۆت ھەپتىلىكتىن 50 كۈنلۈك بولغىچە 0.45kg-0.68kg، ئون ھەپتىلىكتىن 120 كۈنلۈك بولغىچە 0.68kg، بىر يۈز يىگىرمە كۈنلۈك بولغاندا 1.36kg بولىدۇ.

يەم تولۇقلاش ئۇسۇلى

قوزا 7-10 كۈنلۈك بولغاندا رەسمىي يەم بېرىشنى باشلىسا بولىدۇ. بۇ چاغدا بىر دانە تۇخۇم، 4ml بېلىق مېيى، 2g ئاشتۇزىنى 100ml قايناقسۇغا چېلىپ، تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن سوۋۇتۇپ 38-40قا چۈشكەندە قوزىغا ھەر قېتىمدا 50ml دىن، كۈنىگە 4-6 قېتىم ئىچۈرسە بولىدۇ. ساغلىق بىلەن قوزىنى ئايرىۋەتمەي بىللە بېقىش كېرەك. يەم ئوقۇرىنى قوزا ئاسان يېقىنلىشالايدىغان، لېكىن ساغلىق يېقىنلىشالمايدىغان ئورۇنغا جايلاشتۇرۇش، يەم بەرگەندە ساغلىق بىلەن قوزا بىر - بىرىنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان بولۇش كېرەك، يەمنى ئىمكانقەدەر قوزىنى جەلپ قىلالايدىغان ئورۇندا، مەسىلەن، كۈن نۇرى ياخشى چۈشىدىغان، ئىللىق، قۇرغاق ئورۇندا بېرىش كېرەك. كىچىك چارۋىلارنى بېقىش رايونىغا ئوت-چۆپ سېلىنچا سېلىنغان كارىۋات قويۇلۇشى، يەم ئوقۇرى پاكىز بولۇشى، يەم بېرىش رايونىغا يېقىن جايدا سۇ ئوقۇرى بولۇشى كېرەك. ئوقۇر ئۈستىگە چىراغ ئورنىتىپ قويسا، قوزىنىڭ يەم يېيىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

مۇۋاپىق ۋاقىتتا بورداش

ئادەتتىكى قوزىنى دائىملىق بورداش رېتسېپىنى قوللىنىپ بوردىسىلا بولىدۇ. ئادەتتە، گۆش قويىنىڭ قوزىسى تاللاپ بوردىلىدۇ. ساغلىق بوغازلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە قوشۇمچە يەم بېرىپ ئوزۇقلۇق سەۋىيەسى تەكشى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلسا، تۇغۇلغان قوزىنىڭ سۈتتىن ئايرىلغان چاغدىكى ئېغىرلىقىنى 20kg-30kg غا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. بورداشقا كېرەكلىك يەم-خەشەكلەردىن كۆممىقوناق، سىلوس، ئەلا سۈپەتلىك ئوت-چۆپ ۋە باشقا يەم-خەشەك ھەمدە ئالدىن ئارىلاشتۇرۇلىدىغان يەملەر بار.

قوزىنى بورداشقا پۇرچاق ئائىلىسىدىكى قۇرۇق ئوت-چۆپ ۋە دانلىق زىرائەت تۈرىدىكى يەم-خەشەكلەرنى تاللاپ بېرىش كېرەك، نىسبىتى ئادەتتە ئالدىنقىسى %40 -%50، كېيىنكىسى %50-%60 نى ئىگىلىسە بولىدۇ. يىرىك يەم-خەشەكلەردىن ئادەتتە قۇرۇق ئوت-چۆپنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 -%20، پاسار، پۇرچاق پېلىكى قاتارلىق زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىنىڭ %40 -%50، سىلوس تۈرىدىكىلەرنىڭ %40-%50 بولسا مۇۋاپىق. قوزىنىڭ بوغۇز رېتسېپى: كۆممىقوناق %65، پۇرچاق كۈنجۈرىسى %21، كېپەك %10، ھاك پاراشوكى %1.7، ئاشتۇزى ۋە يېمەكلىك سوداسى %1، مىنېرال ماددا، مىكرو مىقدارلىق ئېېلمېنت ۋە ۋىتامىن خۇرۇچلىرى %0.3.

كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش

باقمىچىلىق مەيدانىغا كىرىدىغان ئادەم ۋە ماشىنىلارنى قاتتىق پاكلاش، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا كىرىشىنى چەكلەش كېرەك. يايلىتىپ بېقىلىدىغان قوزىلارنى قۇرتسىزلاندۇرۇش ۋە تۇيىقىنى ياساش، قوتاندا بوردىلىدىغان قوزىلارنى قۇرتسىزلاندۇرۇش كېرەك. ئادەتتە قۇرتسىزلاشتا دورا پۈركۈش ۋە دورىلىق ۋاننىلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئاۋىرمېكتىن (ئاۋېيجۈنسۇ阿维菌素)، گالبىندازول (بىڭليۇبېنمىزۇ丙硫苯脒唑) قاتارلىقلارنى ئوكۇل قىلىش ياكى ئىچۈرۈش ئارقىلىق قۇرتسىزلاندۇرسا بولىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئادەتتە قوزىغا قوي 3 بىرلەشمە ۋاكسىنىسى، 5 بىرلەشمە ۋاكسىنىسى، قوي چېچىكى ۋاكسىنىسى ۋە قوي ئاقسىل كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.

ئۆپكە ياللۇغىمۇ قوزىلاردا كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كېسەل، ئاساسلىقى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن كەمچىل بولۇش، بەك بالدۇر سۈتتىن ئايرىۋېتىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېسەلگە تاقابىلچانلىقى تۆۋەنلەشتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوزىنى بېقىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەمدە يېتەرلىك ئەمدۈرۈش، قوي قوتىنىنىڭ قۇرغاق، ئىسسىق، شامال ئۆتۈشىدىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاشتا، پېنسىلىن ياكى سىترېپتومىتسىننى كۈندە 2 قېتىم مۇسكۇلغا ئۇرۇش كېرەك.

قوزا مۇسكۇل ئاقىرىش كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ، بۇ كېسەل سۆڭەك مۇسكۇلى ۋە يۈرەك مۇسكۇلىدا ئۆزگىرىش بولىدىغان ھەمدە ھەرىكەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش ۋە جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى نىكروزلىنىش بىلەن ئالامەتلىنىدىغان، مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت كەمچىل بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەل. كېسەللەنگەن قوزىدا روھسىزلىنىش، دۈمچىيىپ قېلىش، ھەرىكەت قىلىشى قىيىنلىشىش، پۇتلىرى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قوزىدا بۇ كېسەلنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە،  ۋاقتىدا سېلىن ياسالما ئوكۇلىنى مۇسكۇلىغا ئۇرۇش كېرەك. ساغلىقنى بېقىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئوت-چۆپ بېرىش ئارقىلىق  قوزىلاشتىن بۇرۇن سېلىن تولۇقلاپ، كېسەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. 

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن ئېلىندى