باش بەت>چارۋىچىلىق

سوغىلىش مەزگىلىدىكى سۈت كالىسىنى پەرۋىش قىلىش

يوللانغان ۋاقىت:2018-01-03 12:32:00 مەنبە:جۇڭگو قەشقەر تورى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


    سوغىلىش مەزگىلى سۈت كالىسىنىڭ سۈت ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ياخشى ۋاقتى، شۇنداقلا يېلىن ياللۇغى كۆرۈلۈش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىدىغان مەزگىل. سوغىلىش مەزگىلىدىكى سۈت كالىسىنى پەرۋىش قىلىشتا ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش، موزىيى چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:

    1. كالىنى سىرتتا ھەرىكەت قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتاپسىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك. كالىنى كۈندە سىرتتا 2 سائەت ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلدۇرسا، مۇسكۇلىنىڭ تارىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلە ئورنى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئەش چۈشمەسلىك، تۇغۇتتا كۈچىيەلمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۇت كېسەللىرى كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، كۆپرەك ئاپتاپسىندۇرسا، ۋىتامىنD نىڭ سىنتېزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالا موزايلىغاندىن كېيىن پالەچ بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

    2. سوغىلىش مەزگىلىدىكى كالىنى ئايرىم پادا قىلىپ، ئايرىم قوتاندا بېقىش كېرەك. كاﻻ قوتىنى موزايلاش ئۆيىگە يېقىنراق بولۇشى كېرەك.

    3. سوغىلىش مەزگىلىدىكى كالىنىڭ قوتىنى ۋە ھەرىكەت مەيدانىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشلاش كېرەك، بۇ يېلىن ياللۇغى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

    4. كالا موزايلاشقا 2 ھەپتە قالغاندا موزايلاش ئۆيىگە ئەكىرىپ، يېڭى مۇھىتقا كۆندۈرۈش كېرەك. تۇغۇت ئۆيىنىڭ تازىلىقىنى ياخشى قىلىش، كالىنى ئېلىپ كىرىشتىن بۇرۇن تېنىنى چوتكىلاش، موزايلاش ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا پاكلاش كۆلچىكى ياساش، ئىچىگە يۇمشاق ئوت -چۆپ سېلىنچا سېلىپ، پات -پات ئالماشتۇرۇپ ھەم پاكلاپ تۇرۇش كېرەك.

«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى»دىن ئېلىندى