باش بەت>پەن-تېخنىكا

ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش پىرىنسىپى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08 18:58:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:دىلنۇر تۇرغۇن

 

1. ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇقى بۇزغۇنچىلىققا  ئۇچرىماسلىق لازىم. ئارىلاشتۇرۇش جەريانىدا ياكى ئارىلاشتۇرغاندىن  كېيىن ساقلاش، ئىشلىتىش جەريانىدا ھەر خىل ئوغۇتلارنىڭ تەركىبىنىڭ  ئوخشىماسلىقىدىن  بەزى  خىمىيەلىك  رېئاكسىيەلەر يۈز  بېرىپ،  ئوزۇقلۇق زىيانغا  ئۇچرايدۇ ياكى  ئۈنۈمى  تۆۋەنلەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلىدىغان  ئوغۇتلارنى ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.  مەسىلەن،  ئاممونىي ھالەتتىكى ئازوتلۇق ئوغۇتنى  ئىشقارلىق ئوغۇتلار (ئۆسۈملۈك كۈلى، ھاك قاتارلىقلار) بىلەن  ئارىلاشتۇرۇشقا  بولمايدۇ، بولمىسا ئازوت ئېلېمېنتى زىيانغا ئۇچرايدۇ؛ سۇدا ئېرىشچان فوسفور ئوغۇتىنى ھاك، ئۆسۈملۈك كۈلى قاتارلىق ئىشقارلىق  ئوغۇتلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، بولمىسا سۇدا ئېرىشچان فوسفور سۇدا تەستە ئېرىيدىغان فوسفورغا ئۆزگىرىپ، فوسفورنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ؛ ئاممونىي ھالەتتىكى  ئازوتلۇق ئوغۇتنى كىسلاتالىق ئوغۇتلار  (مەسىلەن، كالتسىي فوسفات لىنسۇەنگەي 钙酸磷膀) بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ  ئىشلىتىشكە  بولمايدۇ، بولمىسا ئاممونىي  ھالەتتىكى  ئازوت  ئۇچۇچان  ئازوت  ئوكسىدقا  ئايلىنىپ، ئازوت  ئېلېمېنتى  زىيانغا ئۇچرايدۇ.

2. ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرغاندىن  كېيىن  فىزىكىلىق  خۇسۇسىيىتى ياخشى بولۇش لازىم. بەزى  ئوغۇتلارنى ئارىلاشتۇرغاندىن  كېيىن، گەرچە خىمىيەلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمىسىمۇ، ئەمما  فىزىكىلىق ئۆزگىرىش يۈز  بېرىپ،  ئارىلاشتۇرۇش ۋە ئوغۇتلاشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. نەملىك سۈمۈرۈشچانلىقى  كۈچلۈك ئىككى خىل ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن نەملىك سۈمۈرۈشچانلىقى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، ئاممونىي ھالەتتىكى  ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئۇرېيە بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىنكى  ئارىلاشما  ئوغۇتنىڭ نەملىك سۈمۈرۈشچانلىقى زور دەرىجىدە  ئېشىپ18   گە يېتىدۇ. شۇڭا، ئىككىسىنى ئامال بار ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك. يەنە ئۇرېيە بىلەن  كالتسىي فوسفاتنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، گەرچە ئۇرېيەنىڭ ئاممونىيغا ئايلىنىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولسىمۇ، ئەمما كالتسىي فوسفات تەركىبىدىكى كىرىستاللىنىش سۈيى ئايرىلىپ چىقىپ، ئوغۇتنىڭ  نەملىكىنى  ئاشۇرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ  بىلەن  كاللەكلىشىۋېلىپ  ئوغۇتلاشقا  قىيىنچىلىق  تۇغدۇرىدۇ. شۇڭا، بىر  تەرەپتىن  ئارىلاشتۇرۇپ، بىر  تەرەپتىن  ئوغۇتلاش  كېرەك.

3. ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن  ئوغۇت ئۈنۈمى ۋە ئوغۇتلاش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش لازىم. ئوغۇتنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ئوغۇت ئۈنۈمى ۋە ئوغۇتلاش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئۈچۈن، ئوغۇتلاش  قېتىم سانىنى ئازايتىش لازىم. مەسىلەن، فوسفور ئوغۇتىنى دۆۋىلەپ ئېچىتىلغان ئوغۇت، قىغ قاتارلىق ئورگانىك ئوغۇتلار بىلەن ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئورگانىك ئوغۇت ئېچىش جەريانىدا ھەر خىل ئورگانىك كىسلاتا  كالتسىي ئىئونى بىلەن بىرىكىپ، فوسفورنىڭ  ئېرىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە فوسفورنىڭ تۇپراق بىلەن ئۇچرىشىش يۈزىنى كىچىكلىتىپ، فوسفورنىڭ تۇپراقتا تۇراقلىشىشىنى تۆۋەنلىتىپ، فوسفور  ئوغۇتىنىڭ ئۈنۈمىنى  ئاشۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئاممونىي ھىدوركاربونات (تەنسۇەنچىڭئەن كۆكتات ئۇرۇقىنى  مۇنداق ئۇسۇلدىمۇ  تېز بىخلاندۇرغىلى بولىدۇ.