باش بەت>پەن-تېخنىكا

ئۈششۈك تەگكەن نەشپۈت دەرەخلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-08 19:06:00 مەنبە:كوئىنلون تورى مۇھەررىر:


 

نەشپۈت دەرىخىنىڭ ئۈششۈككە ئۇچرىغان ئەھۋالىغا دىياگنوز قويۇش. بۇنىڭدا بىخ سۈرۈش مەزگىلىدە ئۈششۈك تېگىشتىن گۇمان قىلىنغان دەرەخلەرنىڭ قوۋزىـقى كـېـسىپ تەكشۈرۈلىدۇ. كونكرېت چارە - ئۇسۇلى: دەرەخنىڭ ئاساسىي غولى، مەركىزى باش غولى، ئاساسىي شاخ ۋە ئاساسىي شاختىكى بىر يىللىق ياش نوتىلارنىڭ پوستىئىككى سانتىمېتىر   كېسىلىپ ياغاچلانغان قىسمى بىلەن پوستى تۇتاشقان جايىنىڭ رەڭگى تەكشۈرۈلىدۇ، ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى سۈت رەڭ بولۇپ، پوستى چىكىلىكىنىڭ رەڭگى ئاق يېشىل بولسا، دەرەخكە ئۈششۈك تەگمىگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ؛ ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى سېرىق قوڭۇر ياكى قوڭۇر قارا بولۇپ، پوستى چىكىلىكىنىڭ رەڭـگـى قـوڭۇر قارا بولسا، دەرەخلەرنىڭ ئۈششۈگەنلىكىـنى ئىپادىلەيدۇ؛ ئۈششۈكنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە دەرىجىگە ئايرىشقا بولىدۇ:

   1)  سەل - پەل ئۈششۈك تەگكەن: دەرەختىكى بەزى بىر يىللىق نوتىسىنىڭ ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇپ، باشقا ئورۇنلىرى نورمال بولىدۇ.

   2) يېنىك ئۈششۈك تەگكەن: دەرەخ تۈپىنىڭ ئاز قىسمىدىكى ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇپ، كۆپ قىسمىدىكى يەنى، ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى ئەسلىدىكى سۈت رەڭ بولىدۇ.

   3)  ئوتتۇرا ھال ئۈششۈك تەگكەن: دەرەخ تۈپىنىڭ بىر قىسمىدىكى ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇپ، بىر قىسمىدىكى ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى ئەسلىدىكى سۈت رەڭ بولىدۇ.

   4)  ئېغىر ئۈششۈك تەگكەن: دەرەخ تۈپىنىڭ كۆپ قىسمىدىكى ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى سېرىق بولۇپ، ئاز قىسمىدىكى ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى قوڭۇر بولىدۇ.

   5)  ئالاھىدە ئېغىر ئۈششۈك تەگكەن: دەرەخ تۈپىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ ياغاچلانغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ رەڭگى ۋە پوستى چىكىلىكىنىڭ رەڭگى قوڭۇر قارا بولىدۇ.

   2. ئۈششۈك تەگكەن نەشپۈت دەرەخلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

ئۈششۈك تەگكەن نەشپۈت دەرەخلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ئەزاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كۈچەيتىپ، ئۈششۈك تەگكەن ئورنىنىڭ پوستلاق قەۋىتى ھاسىل بولۇشىنى تېزلىتىپ، چىرىش كېسىلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تۆۋەندىكى پەرۋىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك:

   1)  سۇ، ئوغۇت پەرۋىشىنى كۈچەيتىش. يەنى ئەتىيازلىق ۋە يازلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش پەرۋىشىنىڭ سالمىقىنى كۈچەيتىش لازىم. دەرەخلەرنى بىخ سۈرۈش مەزگىلىدە ( 3- ئايدا)  بىر نۆۋەت باستۇرۇپ سۇغىرىش لازىم، بۇ نۆۋەتلىك سۇغىرىش ئادەتتە «چېچەك سۈيى» دەپ ئاتىلىدۇ، چېچەك سۈيىگە بىرلەشتۈرۈپ باغنى ئورىيا ئوغۇت بىلەن بىر نۆۋەت چېچىپ ئوغۇتلاش لازىم، كونكرېت ئوغۇتلاش مىقدارى تۆۋەندىكىچە:

كـۆچـەت مـەزگىلىدە ھەر تۈپكەg 200؛ مـېـۋىـلەشـنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ھەر تۈپكە 300 گىرامدىن 500 گىرامغىچە؛ تـولـۇق مـېۋىـلـەش مـەزگىلىدە   g −1000g600 ئورىيا ئوغۇتى بېرىلىدۇ. نەشپۈت تۈپلىرى راسا چېچەكلىگەن مەزگىلدە باغ يەنە بىر نۆۋەت باستۇرۇپ سۇغىرىلىدۇ، 5-، 6- ئايلاردا ئىككى نۆۋەت سۇغىرىلىپ، تۇپراقنىڭ نەملىكى ئېتىزنىڭ سۇ ساقلاش مىقدارىنىڭ %60 − %80 دە ساقلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن نورمال سۇغىرىش، ئوغۇتلاش پەرۋىشلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە بولىدۇ.

2) باغنىڭ تۇپراق ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش. ئۈششۈككە ئۇچرىغان نەشپۈتلۈك باغلار ھەر نۆۋەت سۇغىرىلغاندىن كېيىن، بىر نۆۋەت توپىسى يۇمشىتىلىدۇ؛ ئاساسىي غولى ئۈششۈپ قالغان دەرەخنىڭ چۆرىسىگە، ئاساسىي غولىغا 30 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ، دەرەخنى چۆرىدەپ قىر سېلىپ سۇغارغاندا سۇنىڭ دەرەخ غولىغا تىگىپ كېتىپ كېسەللىك مىكروبلارنى تارقىتىۋېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ؛ باغ ئارىسىغا زىرائەت تېرىماي، باغدا شامال ۋە ھاۋانىڭ ئۆتۈشۈپ، چىرىش كېسىلى مىكروبلىرىنىڭ يامراپ ئۈششۈككە ئۇچرىغان دەرەخلەرگە يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا دەرەخ بىلەن زىرائەتلەرنىڭ سۇ تالىشىش زىددىيىتىدىن خالىي بولۇپ، ئۈششۈككە ئۇچرىغان دەرەخلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ئۆسۈشىگە ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىلىدۇ.

   3. كۆپ چاتاش

ئۈششۈككە ئۇچرىغان نەشپۈت دەرەخلىرىنى چاتاشتا كۆپىيىپ ئۆسۈشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئوزۇقلۇق ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلىش كېرەك، چاتاشنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكى دەرەخلەرنىڭ ئۈششۈپ قېلىشىنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە باغلىق بولىدۇ، ئۈششۈپ قېلىشى يېنىك بولسا، يېنىك چاتىلىدۇ، ئۈششۈپ قېلىشى ئېغىر بولسا چاتىلىشىمۇ ئېغىر بولىدۇ. ئادەتتە يازلىق چاتاش ئاساس قىلىنىدۇ.

   1)  يېنىك چاتاش. ئۈششۈك تەگكەن بىر يىللىق نوتىلارنىلا چاتاپ ئېلىۋېتىش. چاتالغان شـاخ - شۇمبىلارنى سىرتقا چىقىرىپ كۆيدۈرۈۋېتىپ، كېسەل مىكروبلىرىنىڭ باشقا دەرەخلەرگە يۇقۇپ زىيان سېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.

   2)  ئوتتۇراھال يېنىك چاتاش: ئوتتۇراھال ئۈششۈگەن ئاساسلىق شاخلاردىكى مېۋە شاخ گۇرۇپپىسى ئوتتۇراھال قايتۇرۇپ چاتىلىدۇ، ئۈششۈك تەگمىگەن ئاساسلىق شاخلاردىكى مېۋە شاخ گۇرۇپپىسى يېنىك قايتۇرۇپ چاتىلىدۇ ھەمدە قـۇرۇپ قــالغان شاخ - شۇمبىلار چاتىۋېتىلىدۇ.

   3)  ئوتتۇراھال چاتاش. قۇرۇپ قالغان شاخ - شۇمبۇلار پۇتاپ ئېلىۋىتىلگەندىن باشقا، ئۈششۈك تەگمىگەن ئاساسلىق شاخلاردىكى مېۋە شاخ - گۇرۇپپىسى ئېغىر قايتۇرۇلۇپ، ئۈششۈك تەگمىگەن ئاساسلىق شاخلاردىكى مېۋە شاخ گۇرۇپپىسى ئوتتۇراھال قايتۇرۇلىدۇ؛

   4)  ئېغىر چاتاش. تۈپلەر ئاساسىي غولى ئۈششۈپ قالغان ئورنىدىن 5CMتۆۋەن قىلىپ كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، ئاساسىي غولىدىن ياكى يىلتىزىدىن بىخ سۈرۈپ يېڭى نوتا ئۆسۈپ چىقىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، قايتا يېتىشتۈرۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ؛ دەسلەپكى مېۋىلەش مەزگىلى ۋە تولۇق مېۋىلەش مەزگىلىدىكى دەرەخلەرنىڭ، قۇرۇپ قالغان شاخلىرى كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، پۈتۈن دەرەختىكى مېۋە گۇرۇپپا شاخلىرى ئېغىر قايتۇرۇپ چاتىلىدۇ. ھەمدە تولۇق مېۋىلەش مەزگىلىدىكى دەرەخلەرنىڭ مەركىزى غول شېخى كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، دەرەخ تاجىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئېچىۋېتىلىدۇ.