باش بەت>پەن-تېخنىكا

قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 13:45:00 مەنبە:ئۇچۇر گۈلزارى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر مەسئۇل مۇھەررىر:

سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشى يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەكسىچە يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىمۇ سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. مەملىكىتىمىزدىكى يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىنى ئاساسلىقى قۇرغاقچىلىق، يامغۇرنىڭ ئاز، شامالنىڭ كۈچلۈك، تۇپراقنىڭ بوشىشى قاتارلىق تەبىئىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان. لېكىن ئىنسانلارنىڭ مۇۋاپىق ئېچىپ قۇرۇلۇش قىلىش پائالىيەتلىرى قۇملىشىشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، ئىككى تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ. 

بىرىنچى، قۇملىشىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى 

1. سۇ بايلىقى نامۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىلدى. قارىغۇلارچە سۇ باشلاش ۋە سۇغۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش خاھىشلىرى مەۋجۇت. 

2. سۇ بايلىقى ئىسراپچىلىقى ئېغىر. غەربىي شىمالدىكى رايونلاردا باستۇرۇپ سۇغۇرۇشتەك ئەنئەنىۋى ئۇسۇل كۆپرەك قوللىنىلغاچقا، سۇ بايلىقى ئىسراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. 

3. ئۈنۈملۈك بولغان بىرتۇتاش باشقۇرۇش كەمچىل. 

4. ئېكولوگىيەلىك سۇغا بولغان ئېھتىياجغا سەل قارالدى. خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان، سۇ بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىش پىلانىدا ئېكولوگىيەنىڭ سۇغا بولغان ئېھتىياجى كۆزدە تۇتۇلمىدى. ئالدى بىلەن ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىش جىددىي ئېھتىياجلىق بولسىمۇ، لېكىن سۇ بايلىقى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئىچكى قۇرۇقلۇق دەريا ۋادىلىرىدا ئېكولوگىيەلىك سىستېما ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىپ، سۈنئىي بوستانلىق ۋە قۇملاشقان يەرلەر ئوخشاشلا كېڭەيدى ھەم ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق ياۋاش ھايۋان ماكانى ۋە سۇ دائىرىسى تارىيىپ كەتتى. 

5. يايلاقلاردا تېرىلغۇ يەر ئېچىش ۋە نورمىدىن ئارتۇق چارۋا بېقىش يايلاقلارنىڭ قۇملىشىشى، چېكىنىشى، شورلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

6. قالايمىقان كېسىش، قالايمىقان كولاش، خالىغانچە تاشلىۋېتىش سەۋەبىدىن، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ئىنسانلارنىڭ سۇ - تۇپراق بايلىقىنى نامۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشى سۇ بايلىقىنىڭ قىس بولۇشىنى، دەريالار ئېقىنىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىنى، يەر ئاستى سۇ گورىزونتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چېكىنىشىنى، يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. يەرلەرنىڭ قۇملىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتىكى ھالقىلىق مەسىلە سۇ - تۇپراق بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشتىن ئىبارەت. 

ئىككىنچى، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش 

يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىدىكى مۇداپىئە كۆرۈش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى ۋە تېخنىكىلىقى بىرقەدەر يۇقىرى، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، قۇم - بورانلىق رايوننىڭ تەبىئىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي شارائىتى ۋە يەرلەر قۇملىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبىگە ئاساسەن، ئۇزۇندىن بۇيانقى قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا خۇلاسىلەش بىلەن بىرگە، يەنە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، سۇ - تۇپراق بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، سۇ - تۇپراق بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يەرلەر قۇملىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ھەم تىزگىنلەش كېرەك. 

1. يېتەكچى ئىدىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. 

ئادەم بىلەن تەبىئەت ئۆزئارا ماسلىشىشى كېرەك، دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئادەملەرنىڭ تەبىئەتكە بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ئازايتىش كېرەك. 

2. سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. سۇ بايلىقىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى شۇ رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا سۇ بايلىقىنى سەر خىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ، تېجەپ ۋە قوغداپ ئېكولوگىيەلىك ئىشلىتىدىغان سۇنى سۇ بايلىقى پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سۇ بايلىقىغا بولغان بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. 

3. بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەش ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. 

4. سۈنئىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئېكولوگىيەنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىغىمۇ تايىنىش كېرەك. يەنى سۈنئىي ئۇسۇلدا تىزگىنلەشنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئېكولوگىيەنىڭ ئۆز -ئۆزىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. سۈرئەتنى تېزلىتىش سۇ - تۇپراقنى ساقلاشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە قۇرۇلۇش تەپەككۇرىنىڭ زور دەرىجىدە تېزلىتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، ئوت - چۆپلەرنىڭ قويۇق ئۆسۈشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىش كېرەك. يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە قوغداپ، سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئازايتىش ھەمدە بوراندىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. 

5. رايونغا ئايرىپ تىزگىنلەش ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش كېرەك. قۇملۇق، چۆل - جەزىرە ۋە ئىنتايىن قۇرغاق رايونلار ھازىر تىزگىنلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئالدىنى ئېلىش ۋە قوغداشنى ئاساس قىلىش بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنى ئەڭ چۆڭ دائىرىدە ئازايتىش كېرەك. قۇملۇق رايون قۇملۇقتىكى بوستانلىقلاردا سۇ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىپ پايدىلىنىشنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، يەرلەرنىڭ شەرت - شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشنى ئاۋۋال ئېلىپ بېرىپ، غوللۇق دەرەخنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان قۇرۇلۇشلارنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. 

6. تۈزۈلمە، مېخانىزىم ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. مېخانىزىمدا يېڭىلىق يارىتىشتا، جەمئىيەتتىكى ھەر تەرەپنىڭ قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش، قۇمنى تىزگىنلەش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. يەرلەرنىڭ قۇملىشىشىنى تىزگىنلەشتە چوقۇم پەن - تېخنىكىغا تايىنىش كېرەك. ھازىر بىرقەدەر پىشىپ يېتىلگەن قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، ئوتلاقلارنى تىزگىنلەش ۋە كىچىك ۋادىلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاممىنى ھۆرمەتلەپ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشتىش ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سۇ - تۇپراق بايلىقىدىن سىجىل پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك.

ئاپتورى: ساتتار تۇرسۇن