باش بەت>پەن-تېخنىكا

ئاپتاپپەرەستىن مول ھوسۇل ئېلىش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-27 21:28:00 مەنبە:غۇلجا يېزا ئىگىلىكى تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

 

ئاپتاپپەرەس ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق ياغلىقدان زىرائەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىقتىسادىي قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى. ئۇنى ئىلمىي ئۆستۈرۈش توغرىسىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىقتىسادىي زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شياڭ لىجۈن دېھقانلارغا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپلەرنى بەردى:

  ئاپتاپپەرەس سكلېروتىئۇم كېسىلى ئاپتاپپەرەستە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەل بولۇپ، ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كۈزدە يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ، ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپەيتىپ، ئېڭىزنى تازىلاپ توڭ ياتقۇزسا، سكلېروتىئۇم كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى %80  %90 تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. باھار كەلگەندە ئېتىزنى پاكىز تازىلاپ، كېسەل باكتېرىيىلىرىنى يوقىتىپ، ئېڭىز ئالماشتۇرۇپ، تۈجۈپىلىك مەشغۇلات قىلىش كېرەك. ئۇرۇققا ئىزومىتسىن (菌核净) نى ئۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ 1000 دىن 5 ىچىلىك نىسبەتتە تەييارلاپ سۇ ئارىلاشتۇرۇپ پۈركۈسە، مايسا مەزگىلىدىكى سكلېروتىئۇم كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  ئاپتاپپەرەس گۈللىگەندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى دېھقانلار باستۇرۇپ سۇغىرىپ، سۇغىرىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ئارقىلىق سكلېروتىئۇم كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇسۇل خاتا. چۈنكى سكلېروتىئۇم كېسىلىنىڭ باكتېرىيىسى سۇ ئارقىلىق زىرائەت تۈپىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئاندىن ئاپتاپپەرەس ئېچىلغاندىن كېيىن قارا داغ كېسىلى، دات كېسىلى قاتارلىقلار كۆپىيىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سۇغىرىش قېتىم سانى ئاز بولسا، زىرائەتنىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

  توغرا ئۇسۇل: ئاپتاپپەرەس گۈللىگەندىن كېيىن ئېگىز قىر ئېلىپ، ئاز - ئازدىن پات - پات سۇغىرىپ، تۈپنىڭ سۇ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىنى توسۇپ، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك.

  شياڭ لىجۈن يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتاپپەرەس ئۆزىنى تەڭشەش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك زىرائەت، ئەگەر ئەتراپىدىكى تۈپلەر شالاڭ بولسا، تەخسىسى نىسبەتەن چوڭراق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلات مىقدارى كېمىيىپ كېتىشنى تەڭشەيدۇ. شۇڭا، ئىلمىي ھالدا تۈپلەرنى ئازايتسا، ئوخشاشلا يۇقىرى مەھسۇلات ئالغىلى بولىدۇ. ئادەتتە ھەر مو يەردە 4000 5000 تۈپ بولسا مۇۋاپىق. ئەكسىچە تۈپلەر بەك زىچ بولسا، ئېتىزنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرىۋېتىپ، كېسەلنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.