باش بەت>پەن-تېخنىكا

ئالما دەرىخىگە مۇۋاپىق پەيتتە كالىي ئوغۇتى بېرىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-27 22:08:00 مەنبە:غۇلجا يېزا ئىگىلىكى تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

 

ئالما دەرىخىگە مۇۋاپىق پەيتتە كالىي ئوغۇتى بەرگەندە، ئالمىلار كۆرۈنەرلىك چوڭىيىدۇ، قەنت تەركىبى ئاشىدۇ، رەڭگى تېخىمۇ قېنىقلىشىپ مېۋە پوستىنىڭ پارقىراقلىقى ياخشىلىنىدۇ، تەمى قاتارلىق ئىچكى سۈپەتلىرى ياخشىلىنىدۇ، ئالما دەرىخىنىڭ كالىينى سۈمۈرۈش مەزگىلى ئادەتتە 7- ئاينىڭ باشلىرىدىن 8- ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولۇپ، بۇ مەزگىلدە ئالما دەرىخىگە مۇۋاپىق مىقتاردا كالي ئوغۇتى بەرگەندە، ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئەگەر باش ئەتىيازدا ياكى چېچەكلەش مەزگىلىدە ئوخشاش مىقتاردىكى كالي ئوغۇتى بەرگەندە، مەھسۇلاتى ياكى رەڭگىنىڭ ئېشىشىغا روشەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. كالي ئوغۇتى بېرىشتە ھەر 100 كىلوگىرام مەھسۇلات ئېلىش ئۈچۈن بىر كىلوگىرام ساپ كالي بېرىش ئۆلچەم قىلىنىدۇ، بۇ ئۆلچەمدىن بەك ئېشىپ كەتسە، ئالما دەرىخىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، باشقا ئېلىمىنتلارنى قوبۇل قىلىشىغا تەسىر يېتىدۇ. ئالما دەرىخىگە كالي ئوغۇتى بەك كۆپ بېرىلسە، ماگني ئېلىمنتى كەملىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. دەرەخ تۈپىدىكى كالتىسىي مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك ئازىيىدۇ.

 ئۇنىڭدىن باشقا، كالي ئوغۇتى بەرگەندە قوبۇل قىلىنىش، پايدىلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان كالىي سۇلفات ئوغۇتىنى تاللاپ ئىشلەتسە ياكى كالي خلورىد ئوغۇتىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. شۇنداقلا ئوتۇن-سامان كۈلى ياكى تولۇق چىرىتىلگەن كاتەك ئوغۇتى قاتارلىق تەركىبىدە كالي مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولغان ئورگانىك ئوغۇتلارنى دەرەخ تۈۋىگە چېچىپ، يېنىك كۆمگەندىن كېيىن سۇغۇرسىمۇ بولىدۇ. %0.3-%0.5 لىك كالي دىھىدروفوسفات ئېرىتمىسى ياكى كالي ئامموناتنىڭ 300-500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يۇپۇرماقتىن تۇمانلىتىپ پۈركىگەندىمۇ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.