باش بەت>پەن-تېخنىكا

كونا ئۆستەڭ كەنتىدىكى تەدبىرلىك دېھقان

يوللانغان ۋاقىت:2016-07-15 19:14:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:دىلنۇر مۇختەر

تالىپ بارات ئوغلى بىلەن شوخلا ئۈزمەكتە. 

     يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم بازار كونا ئۆستەك كەنتىدىكى دېھقان تالىپ بارات يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل تۈردە تۈرلۈك زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئازغىنە يەردىن كۆپ ھوسۇل ئېلىپ، باشقا دېھقانلارغا ئۈلگە بولدى.

   دېھقان تالىپ بارات بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرىلا سۇلىياۋ يوپۇق يېپىپ تېرىلغان كېۋەز ئارىسىغا يازلىق قوغۇن-تاۋۇز، زىرە، چامغۇر، پالەك قاتارلىق ھەر خىل پاكار غوللۇق زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىپ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ خىل قوش ئۈنۈملۈك تېرىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان. كېيىن يەنە چىلان قاتارلىق ھەر خىل مېۋىلىك كۆچەتلەر ئارىسىغىمۇ كىرىشتۈرۈپ زىرائەت تېرىپ، يەردىن قوش ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، مەھەللىسىدىكى باشقا دېھقانلارنىڭ بۇ خىل تېرىقچىلىققا يۈزلىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ئۈلگە ھەم تۈرتكە بولغان.