باش بەت>باغۋەنچىلىك

ئۈزۈم تاللىرىنى پۇتاش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2016-08-29 18:13:00 مەنبە:ماتىريالدىن مۇھەررىر:پىرقەتجان جۈرئەت مەسئۇل مۇھەررىر:

ئۈزۈم  تاللىرىنى پۇتاش يازلىق پۈتاش ۋە كۈزلۈك پۇتاش، دەپ ئىككى خىلغا بالىنىدۇ:        

1. يازلىق پۇتاش5ـئايدىن 7ـ ئايغىچە ئۈزۈم بۈك-باراقسان ئۆسكەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ.بۇنىڭدا ئۆسكۈچى شاخ ۋە مېۋە بەرگۈچى شاخلارنى ئېلىپ تاشلاش، شۇنىڭ بىلە بىر ۋاقىتتا چوقۇم ئۆسۈش نۇقتىسىن  ئۈزۈپ تاشلاش لازىم  .

دېمەك، ئۈزۈمنىڭ شېخى ئومۇمەن 15 يوپۇرماق چىقارغاندا مەيلى ئۆسكۈچى شاخ بولسۇن ياكى مېۋە بەرگۈچى شاخ بولسۇن ئۆسۈش نۇقتىسىنى ( ئۇچىنى )  ئۈزۈپ تاشلىغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئۆسەلمەي يوپۇرماق قولتۇق بىخلار كۆپلەپ ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ بىخلار ھارام شاخ دېيىلىدۇ.  بۇ شاخلارنىڭ ياش تاللارنىڭ دەرەخ تاجىسىنى كېڭەيتىشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق.  شۇڭا ئۇلارنى چوقۇم بۇرۇنراق ئېلىپ تاشلاپ، ئۈزۈم غولىدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىن ئېلىش كېرەك. 

    قېلىن  شاخلارنى  شالاڭلىتىش  كۈن  نۇرىنى  ياخشى  چۈشۈرۈش  ،  ئوزۇقلۇقنىڭ  ئىسراپ  بولۇشىنى ئازايتىشتىكى تېخنىكىلىق تەدبىر. ئۈزۈمنىڭ يازلىق پۇتۇلۇشى، يەنى پۇتۇلۇش دەرىجىسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇش-بولماسلىقى باراڭ ئاستىغا چۈشكەن كۈن نۇرىنىڭ ئاز-كۆپلىكى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. باراڭ ئاستى قاراڭغۇ، نەم بولسا يازلىق پۇتاش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى ياكى ناھايىتى ئاز پۇتالغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ  . 

ئادەتتە باراڭ ئاستىدىكى كۈن نۇرى باراڭ ئاستىنىڭ 1/4 دىن ئېشىپ كەتسە، پۇتۇلۇشىنىڭ ئارتۇق بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۇرىدۇ. بۇخىل ئەھۋال ئۈزۈمنىڭ نورمال ئۆسۈپ-تېتىلىشىگە پايدىسىز. باراڭ ئاستىدىكى كۈن نۇرى باراڭ ئاستىنىڭ 6/1-5/1 ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق پۇتالغان بولىدۇ  . 

2. كۈزلۈك پۇتاش ئۈزۈملەر ئۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، كۈمۈلۈشتىن ئىلگىرى ئۆسۈش توختىغان مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. كۈزلۈك پۇتاش يەنە مېۋە شاخلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ پۇتاش، ئوتتۇرىھال پۇتاش ۋە قىسقا پۇتاش، دەپ3 خىلغا بۆلىنىدۇ. ئۇزۇن  پۇتاشتا بىر شاختا 8-10 تال بىخ قالدۇرۇلۇپ، قالغان قىسمى كېسىپ تاشلىنىدۇ؛ ئوتتۇرىھال پۇتاشتا 5-6 تال  بىخ (بوغۇم) قالدۇرۇلۇپ، قالغان قىسمى كېسىپ تاشلىنىدۇ؛

قىسقا  پۇتاشتا 2-3 تال بىخ ئورنىغىچە مېۋىسى پىشقان، قالغان قىسمى تولۇق پىشالماي خام قالغان شاخلاردا 1- 2 تال بىخ قالدۇرۇلۇپ، قالغان قىسمى كېسىپ تاشلىنىدۇ. بۇخىلدىكى شاخلار كېيىنكى يىلى مېۋە بەرمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار زاپاس شاخ بولۇپ ساقلىندۇ. بەزى كىشىلەرئۈزۈم شاخلىرىنى ئەتىيازدا ئېچىپ بولغاندىن كېيىن پۇتايدۇ، بۇنداق  قىلغاندا كېسىلگەن ئورۇندىن كۆپ مىقداردا سۇ ئېقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زىيانلىق تەرىپى بار.  كۈزدە پۇتىسا بۇ خىل ئەۋال كۆرۈلمەيدۇ.