باش بەت>باغۋەنچىلىك

داۋان››دىن ئاشقان ئابدۇرۇسۇل ئابلا››

يوللانغان ۋاقىت:2016-09-05 19:01:00 مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

داۋان››دىن ئاشقان ئابدۇرۇسۇل ئابلا››

 

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەرجان ئىمىن

    ئاۋات ناھىيەسىدە يېقىندا زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا باغ ئورمانچىلىق كەسىپىنىڭ دېھقان ـ چارۋىچىلارغا بەلگىلىك ئقتىسادى ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ،ناھىيەنىڭ نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ كەسىپى ھەمكارلىق كوپراتىپلىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.بۇ جەرياندا ناھىيە بازىرىغا يېقىنلا يەردىكى 800مو نەشپۈتلۈك،ئالمىلىق ۋە شاپتۇللۇق باغ مېنى قىزىقتۇردى .باغدا 30-40چەدېھقان ئىشلەۋاتقان بولۇپ ،مەي باغلاپ پىشقان ئالما،نەشپۈتلەر شېخىنى كۆتۈرەلمەي قالغانىدى.

-نىمىدېگەن ئوخشىغان مىۋىلەر بۇ،ئاز ئەجىر قىلمىغانسىلەر- ­ھە  بۇباغقا؟ــ دەپ سورىدىم باغدا ئىشلەۋەتقان بىرەيلەندىن .

ــ شۇنداق، يىل بېشىدىن ھازىرغىچەباغنىڭ پەرۋىشىنى چىڭ تۇتتۇق ،باغ مەسئۇلىمۇ مۇشۇ كەسىپتە پىشقان ،قابىل تېخنىك،كىشىلەر ئۇنى ‹‹باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى ››دېيىشىدۇ.سىزنى مۇشۇ باغنىڭ ئىگىسى ھەم بۇ كوپراتىپنىڭ مەسئۇلى ئابدۇرۇسۇل ئابلانىڭ يېنىغا باشلاپ باراي.

ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سانائات رايونىغا جايلاشقان ،كۆلىمى ئون مودىن ئاشىدىغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىغا كەلدۇق،بۇيەردە مەخسۇس ئاۋات ناھىيەسىنىڭ خاس مېۋىلىرى يېڭى پېتى سوغۇق ساقلىنىدىكەن .دەرۋازا ئالدىدا‹‹يىپەك يولى مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسىپىي ھەمكارلىق كوپراتىپى››دېگەن ۋېۋىسكا كۆزۈمگە چېلىقتى .بىز ئۇدۇللا ئابدۇرۇسۇل ئابلانىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ،ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سالاملاشتۇق .ئۇنىڭ ھەمرالىقىدا ئىش ھالقىلىرى ۋە سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنى زىيارەت قىلغاچ تۆۋەندىكى تەپسىلاتلارغا ئىرشىتىم.

     ئابدۇرۇسۇل ئابلانىڭ دېيىشىچە ئۇ1994-يىلى ئالىي مەكتەبنىڭ خىمىيە –سانائەت كەسپىنى پۈتكۈزۈپ،2000-يىلى ئاۋات ناھىيەلىك ئېلكتىرئېنىرگىيە ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپتۇ .ئۇئۆزىنىڭ قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچەئۆزلىكىدىن باغ پەرۋىش تېخنىكىسىنى پىششىق ئۈگەنگەندىن سىرىت ،يەنە ئۆزخىزمىتىدىمۇ مەلۇم  نەتىجە يارىتىپتۇ .ئىدارە رەھبەرلىرى ئابدۇرۇسۇل ئابلانى شۇيىلى ئاۋات ناھىيەلىك ئېلىكتىر ئېنىرگىيە ئىدارىسى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتنىڭ مەسئۇللىقىغا تەيىنلەپتۇ .ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئىشلەيدىغان ئابدۇرۇسۇل ئابلا بۇيېڭى تۈردىن ھېچقانداق  خەۋىرى بولمىسىمۇ،سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىنى باشقۇرۇشقا  مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۈگىنىپ،ئىش ھالقىلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ ،تېخنىكىلىق مەسىللەرنى ھەل قىپتۇ.2001يىلى قېرىنداشلىرى دولان يېزىسىدىكى 50مونەشپۈتلۈك باغنى ھۆددە ئالغاندائۇقېرىنداشلىرىغا يارىدەملىشىپ باغنى تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇپتۇ ۋە شۇيىلى باغدىن يۇقىرى مول ھوسۇل ئاپتۇ.2004-يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپابېرىپ،دوست –بۇرادەرئۇرۇق –تۇققانلاردىن قەرىز ئېلىپ،ھۆددەئالغان يەر كۆلىمىنى 400موغا يەتكۈزۈپتۇ.2006يىلى سودا پۇرسىتى ئىزدەپ تۇنجى تۈركۈمدە 100توننىدىن ئارتۇق نەشپۈتنى ۋۇخەن شەھرىگە ئاپىرىپ سېتىپ ئوبدان كىرىم قىپتۇ ۋە ئىچكىرى ئۆلكە ،شەھەرلەردەداۋاملىق بازار ئېچىش ئۈچۈن ،2008-يىلى باغ كۆلىمىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ 700موغا يەتكۈزۈپتۇ .ئابدۇرۇسۇل ئابلا2009-يىلى‹‹يىپەك يولى گۆھىرى››ماركىسىنى روھىخەتكە ئالدۇرۇپ، بۇماركىنى ئىچكىرى ئۆلكە شەھەردىكى سودىگەرلەرگە ۋە ئىستىمالچىلارغا تونۇتۇپتۇ.

    ئابدۇرۇسۇل ئابلا مۇنداق دېدى:سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنى بازارغا ئەكىرگىنى بولمايدۇ،شۇڭا ئەزالارغا تەلەپنى قاتتىق قويۇپ ،مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شاللىنىپ قالماسلىقنىڭ  ئالدىنى ئالدۇق. خېرىدارلىرىمىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ،ئەڭ سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئوراپ قاچىلاپ ئىچكىرگە يۆتكىدۇق.دەسلەپتە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ماركىسىز سودا قىلغانىدۇق.بۇنداق بولغاندا باشقىلارغا تايىنىپ مال ساتىدىغان گەپكەن.‹‹يىپەك يولى گۆھىرى››ماركىسىنى رويىخەتكە ئالدۇرغاندىن كىيىن، ماركىنىڭ رولى بەك چوڭ بولدى .ئىلگىرى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىمىز بولمىغاچقاھەريىلى دېگۈدەك خېلى كۆپ ئالما ،نەشپۈتلەر سېسىپ كېتەتتى،باشقىلارغا يىلىغا بىر مىليوندىن ئارتۇق چىقىم قىلىپ ،مېۋىلەرنى ساقلاپ بېرىشكە ھاۋالە قىلاتتۇق.شۇڭا 2009-يىلى500مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ120كۇۋادىرات مېتىرلىق،يىلىغا 120توننا مېۋە سىغدۇرغىنى بولىدىغان سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتى سالدۇق.كۆلىمىمىزمۇ كۆپىيىپ1000موغا يەتتى،ھوسۇلمۇ ئاشتى،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خېرىدارلىرىمىزكۆپەيدى.ئاۋات نەشپۈتلىرىنى تېتىپ كۆرگەن ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىز بىلەن كۆپلەپ زاكاز ئىمزالايدىغان بولدى .ناھىيەلىك پارتىكوم خەلق،ھۆكىمىتىنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلىىشى بىلەن2013-يىلى‹‹يىپەك يولى›› مېۋىچىلىك كەسىپى ھەمكارلىق كوپراتىپىنى قۇردۇق.دەسلەپتە يەتتە كىشى بۇكوپراتىپقا ئەزا ئىدى.ھازىر ئەزايىمىز 40قا يەتتى شۇيىلى بىز يەنە 2مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ ،چىلان ،ياڭاق قۇرۇتۇش زاۋۇتى قۇردۇق. 2014-يىلى سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتنىڭ كۆلىمى 2000كىۋادىرات مىتىرغا كېڭەيتتۇق،مېۋىلىك باغ كۆلىمىمىز1800موغايەتتى.ھازىر يىلىغا 500توننىدىن ئارتۇق چىلان ،ياڭاق قۇرۇتالايمىز.سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىمىزدا ھازىر رەسمىي ئىشلەۋاتقان45 كىشى بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە 22سى خەنزۇ،يەنە تۆت مېيىپ ئىشچى بار.بىز يەنە ھەريىلى200دىن ئارتۇق ئىشچىنى قەرەللىك تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىمىز.

ئۇقۇشۇمچە ئابدۇرۇسۇل ئابلا2009-يىلىدىن بۇيان يىلىغا 10مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قىممەتتىكى ماددى بويۇم بىلەن نۇرباغ مەھەللىسىدىكى ئاجىز،يىتىم –يىسىرلارنى يوقلاپ كەپتۇ.قىيىنچىلىققا قالغان كىشىلەرنى زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپتۇ.