باش بەت>باغۋەنچىلىك

قىشتا مېۋىلىك دەرەخلەردىكى كېسەل ۋە ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-10-11 19:37:00 مەنبە:تەڭرىتاغ تورى مۇھەررىر:ئىمىنجان ئابدۇرىھىم مەسئۇل مۇھەررىر:

قۇرۇق شاخ - يوپۇرماقلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش: قىشتا مېۋىلىك دەرەخلەردىكى قۇرۇق ياكى قۇرت چۈشكەن شاخ - يوپۇرماقلارنى چاتاپ، دەرەخ ئەتراپىدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى پاكىز تازىلاپ كۆيدۈرۈۋەتكەندە ياكى چوڭقۇر كۆمۈۋەتكەندە، قىشتىن ئۆتىدىغان زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

باغنى ئاغدۇرۇش: باغنى ئاغدۇرغاندا تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى زىيانداش ھاشاراتلار ۋە كېسەل مىكروبلىرى يەر يۈزىگە چىقىپ توڭلاپ ئۆلىدۇ ياكى كۈشەندىلىرى ئۇلارنى يەۋېتىدۇ. يەر ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان زىيانداشلار يېتىلىپ ھاشاراتقا ئايلىنالماي تۇنجۇقۇپ ئۆلىدۇ.

دەرەخ قوۋزىقىنى قىرىۋېتىش: پولتىيىپ قالغان قوۋزاق ۋە دەرەخ يېرىقلىرىغا قىشتىن ئۆتىدىغان نۇرغۇن كېسەل مىكروبلىرى ۋە زىيانداش ھاشاراتلار يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. دەرەخلەرنىڭ بۇنداق قوۋزاقلىرىنى قىرىۋەتكەندە، كېسەل ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

دەرەخ غولىنى ئاقارتىش: قىشتا دەرەخ غولىنى ئاقارتىپ قويغاندا دەرەخ غولىدا قىشتىن ئۆتىدىغان نۇرغۇن كېسەل مىكروبى ۋە زىيانداش ھاشاراتنى يوقاتقىلى بولىدۇ. ئاقارتىش سۇيۇقلۇقى ئادەتتە ئون ھەسسە ھاك، ئىككى ھەسسە گۈڭگۈرت بىرىكمىسى، بىر - ئىككى ھەسسە تۇز، ئىككى ھەسسە سېغىز توپا، 35 - 40 ھەسسە سۇ بىلەن تەڭشەپ ياسىلىدۇ. 

ھاشاراتلارنى ئالداپ يوقىتىش: زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ قىشتىن ئۆتىدىغان جاينى تاللاش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ چوڭ شاخلىرىغا ئوت - چۆپ ياكى كونا تاغار پارچىلىرىنى باغلاپ، زىيانداش ھاشارات لېچىنكىلىرىنى ئالداپ، شۇ جايدا قىشتىن ئۆتۈشكە توپلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى توپلاپ ئۆلتۈرۈۋېتىش كېرەك. بۇنداق ئۇسۇلنىڭ ئالما مېغىز قۇرتى ۋە نەشپۈت مېغىز قۇرتىنى ئالداپ يوقىتىش ئۈنۈمى 47تىن 78كە يېتىدىغان بولۇپ، قىزىل ئۆمۈچۈك ھەم ئالما چىرىش كېسىلى، نەشپۈت دەرىخى يۇلتۇزسىمان قارا داغ كېسىلى، ئۈزۈم قارا چېچەك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش رولى بار.