باش بەت>باغۋەنچىلىك

قانداق قىلغاندا شاپتۇلنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-09 17:41:00 مەنبە:«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

شاپتۇلنىڭ مەھسۇلاتى تۆۋەن بولۇش چاڭلىشىش، ئۇرۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق، دەرەخ گەۋدىسىنىڭ ئوزۇقلۇق ساقلىشى يېتەرلىك بولماسلىق، بەك كۆپ ئوغۇتلىۋېتىش، چېچەك بىخىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش، كېسەل، ھاشاراتلار زىيان سېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدۇ.

مەھسۇلات ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى:

چاڭلاشتۇرغۇچى سورتنى مۇۋاپىق سەپلەش. ئادەتتە، چاڭلاشتۇرغۇچى سورت بىلەن ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان سورتنىڭ نىسبىتى 1گە 3-4 بولسا مۇۋاپىق، شاپتۇل چېچەكلەش مەزگىلىدە ھەسەل ھەرىسى قويۇپ بېرىش ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلاشتۇرۇش كېرەك. ھەسەل ھەرىسىنى چېچەكلەشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى قويۇپ بېرىش؛ سۈنئىي چاڭلاشتۇرۇشتا، غۇنچىلاش مەزگىلىدە گۈل غۇنچىلىرىنى ئۈزىۋېلىپ سالقىن جايدا قۇرۇتقاندىن كېيىن، گۈل چېڭىنى ئايرىۋېلىپ، پەلكۈچ، قەغەز پىلىك، تاماكا سۈزگۈچى قاتارلىقلارنى گۈل چېڭىغا تەگكۈزۈپ، ھەر بىر چېچەكنى چاڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن پۈركۈش. ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنى ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى كۈچەيتىپ، بۆلۈنۈشىنى تېزلىتىدۇ، مېۋىلەش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىدە mg/L5 لىق گېببېرېللىن (چىمېيسۇ 赤霉素) پۈركۈسە، مېۋىلەش نىسبىتىنى 1-2 ھەسسە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يەرسىرەك مىكرو ئېلېمېنتلىق ئوغۇت پۈركۈش. چېچەكلەش ۋە غورىلاش مەزگىلىدە بۇ ئوغۇتنى ئىشلەتسە، مېۋىلەش نىسبىتىنى % 18-%25، يەككە مېۋە ئېغىرلىقىنى %25 ئاشۇرغىلى بولىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلىدە 3000 ھەسسىلىك بوراكس (پېڭشا 硼砂) ياكى بورىك كىسلاتا (پېڭسۈەن 硼酸) پۈركۈسە، مېۋىلەش نىسبىتىنى %25 ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

پەرۋىشنى كۈچەيتىش. ئوزۇقلۇق شېخى بىلەن مېۋە شېخىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ، شاخلارنى ۋاقتىدا رەتلەش، چاتاش ئارقىلىق، ۋېگېتاتىپلىق ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش كېرەك. مېۋە بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇچىنى ياندۇرۇش، شاخ ئۇچىنى چاتاش، شاخ تولغاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا، مېۋىنى ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلىگىلى بولىدۇ. چېچەك، مېۋىلەرنى مۇۋاپىق پەيتتە، جايىدا شالاڭلاتسا، شاپتۇل دەرىخىنىڭ تىمەنلىكىنى ساقلاپ، مېۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە، ئۇزۇن مېۋە شېخىدا 3-5 تال، ئوتتۇرا ھال مېۋە شېخىدا  1-3 تال، قىسقا ۋە گۈل دەستىسىمان مېۋە شېخىدا بىر تال (ياكى قالدۇرماسلىق)، قوشۇمچە نوتا مېۋە شېخىدا 1-2 تال قالدۇرۇش كېرەك، زاپاس شاختا مېۋە قالدۇرۇلمايدۇ، ئۇزارغۇچى شاختىمۇ مېۋە قالدۇرۇلمايدۇ ياكى ئاز قالدۇرۇلىدۇ.