باش بەت>باغۋەنچىلىك

تاۋۇزدا كۆرۈلىدىغان ئاساسلىق كېسەللەر ۋە ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-09 18:18:00 مەنبە:«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

18-32 لۇق تېمپېراتۇرا تاۋۇزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. تاۋۇز يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداملىق، ئەمما تۆۋەن تېمپېراتۇرغا چىدامسىز، 40 تىمۇ نورمال ئۆسۈپ سويمىلايدۇ. 18 تا ئۆسۈشتىن توختايدۇ، يورۇقلۇق يېتەرلىك بولسا، پېلىكى، بوغۇم ئارىلىقى، يوپۇرماق ساپىقى ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ھاۋا تۇتۇلۇپ ئۇدا يامغۇر ياغسا ياكى يورۇقلۇق يېتەرلىك بولمىسا، ئۆسۈشى ياخشى بولماي، ئاسانلا كېسەل تېگىدۇ. تاۋۇزدا ئاق توزان كېسىلى، بۇزغۇچى زەمبۇرۇغ كېسىلى، يىلتىز سېسىپ سولىشىش كېسىلى كۆپ كۆرۈلىدۇ.

1. مايسا يېتىپ كېتىش كېسىلى

كېسەل ئالامىتى: بۇ كېسەل تاۋۇز مايسا مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان بولۇپ، كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مايسا غولىنىڭ يەر يۈزىگە يېقىن قىسمىدا سولىشىش ئالامىتى كۆرۈلۈپ، ئاندىن سېرىق رەڭلىك كېسەل دېغى پەيدا بولىدۇ، بۇ داغلار سارغۇچ، قارامتۇل رەڭگە ئۆزگىرىپ، مايسا غولى كىچىكلەپ، يوپۇرماق سولىشىپ، تۈپ يېتىپ كېتىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن قۇرۇپ  قالىدۇ. كېسەل مىكروبلىرى كېسەللەنگەن تۈپنىڭ قالدۇقىدا قىشتىن ئۆتىدۇ، تۇپراقتا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىيالايدۇ، تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق شارائىتتا كېسەل مىكروبلىرى تارقىلىدۇ، تېمپېراتۇرا 10-15 ۋە يۇقىرى نەملىك شارائىتتا بۇ خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تارقىلىشى تېز بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: 1) كېسەل  مىكروبى تۇپراق ئارقىلىق  تارقىلىدىغان  بولغاچقا، ئالدىنى ئېلىشتا چوقۇم تۇپراقنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىش، مايسىزارلىققا كېسەل مىكروبى بولمىغان، ئۇزاق مۇددەت كۆكتات تېرىلمىغان ئېتىزلىقنى تاللاپ ئىشلىتىش، مايسا كۆچۈرۈشتىن  بۇرۇن تۇپراقنى ياخشى پاكلاش كېرەك. 2) كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %64 لىك ساندۇفان-8 (شادۇفەن 杀毒矾) نىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %25لىك رىدومىل (رۈيدۇمېي  瑞毒霉)نىڭ 800-900 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش ياكى دىكسون (دىكېسوڭ 敌克松)نى 500 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ يىلتىزغا قۇيۇش كېرەك.

2. ئاق توزان كېسىلى

كېسەل ئالامىتى: بۇ كېسەل كۆرۈلگەن  تاۋۇزنىڭ يوپۇرمىقى، يوپۇرماق ساپىقى ۋە پېلىكىدە ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا پۈتۈن تۈپ قۇرۇپ قېلىپ، تاۋۇزنىڭ مەھسۇلاتى ۋە سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتە، كېسەل باراقسان ئۆسكەن پېلەكنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاساسىي قىسمىدىكى يوپۇرماقتىن باشلىنىدۇ، داغ  خۇددىي بىر قەۋەت ئۇن چېچىپ قويغاندەك يوپۇرماق يۈزىنى قاپلاپ كېتىدۇ، ئاندىن  يوپۇرماقنىڭ كەينى، ساپىقى ۋە پېلەككە تەرەققىي قىلىدۇ؛ كېيىنچە ئېقىش كۈلرەڭگە ئۆزگىرىپ، چېكىتسىمان سېرىق قوڭۇر داغلار پەيدا بولۇپ، پۈتۈن تۈپ  قۇرۇپ قالىدۇ. كېسەل مەنبەسى كېسەللەنگەن قالدۇق تۈپ  بىلەن تۇپراققا كۆمۈلۈپ، تۇپراقتا قىشتىن ئۆتىدۇ. ئاساسلىقى ھاۋا، سۇ، شامال، ۋە ناتوغرا مەشغۇلات ئارقىلىق تارقىلىدۇ. 10-30 تا تېز كۆپىيىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: 1) مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن يېتەرلىك ئوغۇتلاش، فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇت بىلەن مۇۋاپىق ئوغۇتلاش كېرەك. 2) ۋاقتىدا پېلەك رەتلەش، يورۇقلۇق ۋە شامال ئۆتۈشچانلىقىنى ياخشىلاش كېرەك. 3) تۇپراقتىكى  كېسەل قالدۇقلىرىنى پاكىز تازىلاش، ۋاقتىدا پاكلاش كېرەك. 4) دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، داكونىل (بەيجۈنچىڭ 百菌清)نى 600 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش كېرەك.

3. يىلتىز سېسىپ سولىشىش كېسىلى

كېسەل ئالامىتى: بۇ تاۋۇزنىڭ پۈتكۈل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ، چېچەكلىگەندىن تارتىپ مېۋىلىگىچە بولغان مەزگىلدە ئەڭ ئېغىر كۆرۈلىدۇ. مايسا مەزگىلىدە چاچما يىلتىزلار ئازلاپ، يوپۇرماق قۇرۇپ، سولىشىدۇ. تۈپنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلاپ، پېلەكنىڭ يىلتىز قىسمىدا سېرىق يېشىل داغ  پەيدا بولىدۇ ھەمدە رەڭگى تەدرىجىي قېنىقلىشىدۇ.  بۇ كېسەل تۇپراق، ئۇرۇق، مەھەللىۋى ئوغۇت، سۇ، شامال ئارقىلىق تارقىلىدۇ. يامغۇرلۇق ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە كېسەل تېز تارقىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: 1) كېسەلگە چىداملىق سورتنى تاللاپ تېرىش كېرەك. 2) ئۇلاش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭدا كاۋىنى ئۇلاق ئاستى قىلىش ئارقىلىق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 3) ئۇرۇقنى پاكلاش كېرەك. 4) نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش كېرەك. 5) پەرۋىشنى كۈچەيتىپ، ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئازايتىش، فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش، ئىلمىي ئۇسۇلدا سۇغىرىش، كېسەل تۈپ بايقالسا ۋاقتىدا يۇلىۋېتىش ۋە كۆيدۈرۈپ يوقىتىش كېرەك. 6) دېھقانچىلىق دورىسى ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىشتا، %50لىك باۋىستىن (دوجۈنلىڭ 多菌灵) بىلەن دورىلىق توپا ياساپ يىلتىز ئەتراپىغا كۆمۈش  ھەمدە باۋىستىننى 500 ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ، 7-10 كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم يىلتىز  تۈۋىگە قۇيۇش كېرەك.

(ئاتۇش شەھەرلىك دېھقانچىلىق تېخنىكا كېڭەيتىش مەركىزىدىن پاشاگۈل بەكرى)