باش بەت>باغۋەنچىلىك

دەرەخنىڭ ئىچى پورلىشىپ قېلىش سەۋەبىنى تېپىش ناھايىتى مۇھىم

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-09 19:11:00 مەنبە:«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورمان بەرپا قىلىپ قۇم تىزگىنلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى نىڭ خۇسېن مۇنداق دېدى: قۇمھويلا كەنتىدىكى ئاق تېرەك، ئۈجمە، سۆگەتلەرنىڭ ئىچى پورلىشىپ قېلىشى، بىرىنچىدىن، تۇپراق ۋە سۇ سۈپىتى مەسىلىسى، ئىككىنچىدىن، سېرىق چىپار ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى جەھەتتىن تەكشۈرۈپ، سەۋەبىنى ئېنىقلاش لازىم:

ئادەتتە، سېرىق چىپار ئۇزۇن بۇرۇتلۇق قوڭغۇز دەرەخكە چۈشىدىغان ئاساسلىق زىيانداش ھاشارات بولۇپ، ئاق تېرەك، ئۈجمە، سۆگەت قاتارلىقلارغا ئېغىر زىيان سالىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: لىچىنكىسى دەرەخ غولىنىڭ ياغاچلاشقان قىسمىنى يەپ، دەرەخنىڭ ئىچىنى كاۋاك قىلىپ، قۇرۇتىۋېتىدۇ. بۇ خىل قۇرت دەرەخكە چوڭقۇرلاپ كىرىپ يوشۇرىنىۋالىدىغان بولغاچقا، بايقىماق تەس، يوقىتىش قىيىن. شۇڭا، بۇ خىل قۇرت يامراپ كەتسە، تېرەكنى ئاساس قىلغان ئىھاتە ئورمانلارنى ھالاك قىلىۋېتىدۇ. بۇنى يوقىتىشتا، تۇتۇپ يوقىتىش، قۇرت پەيدا قىلغان تۆشۈكلەرنى ھىم ئېتىۋېتىش، دەرەخنى دورىلىق سۇ بىلەن سۇغىرىش، لىچىنكىسىنى ئىسلاپ يوقىتىش ۋە دەرەخ غولىغا زەھەر سۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەگەر تۇپراقتا كېسەل باكتېرىيەسى بايقالسا، شورلۇق سۇ بىلەن سۇغارسا، سۈيىگە ئەگىشىپ ئەتراپتىكى دەرەخلەرگىمۇ يۇقىدىكەن. نىڭ خۇسېن مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، چوقۇم نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ، كېسەل سەۋەبىنى تېپىپ چىققاندىن كېيىن، ئاندىن قاراتمىلىق دورا ئىشلىتىش كېرەك. شۇڭا، ئورمانچىلىق تېخنىك خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، نەق مەيداندا تۇپراق، سۇنى تەكشۈرتۈپ، پورلىشىپ قېلىش سەۋەبىنى تېپىش كېرەك. شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورمان بەرپا قىلىپ قۇم تىزگىنلەش تەتقىقات ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىساڭلارمۇ بولىدۇ.

تېلېفون: 0991-4875657,4656039

(«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇخبىرى ۋاڭ فېي)