باش بەت>باغۋەنچىلىك

قوغۇن كېسەللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش(1)

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-09 19:26:00 مەنبە:«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى

ئالامىتى: قوغۇن مايسىسىدا بۇ كېسەل ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە سويما چۈشكەن چاغدا پەيدا بولىدۇ. كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە چۈشتە تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەن چاغدا، ئاستىنقى يوپۇرماقلاردىن باشلاپ تەدرىجىي سولىشىپ، كەچقۇرۇن ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىدۇ، ئەتىسى چۈشتە يەنە سولىشىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ئۈستۈنكى يوپۇرماقلارغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، پۈتۈن تۈپ سولىشىپ قۇرۇيدۇ. تىپىك ئالامىتى كېسەللەنگەن يىلتىزنىڭ سىرتقى پوستى مەڭلىشىپ، سارغۇچ قوڭۇرغا ئۆزگىرىپ سېسىيدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى:

1) يەر تاللاش. بەش يىلدىن كۆپرەك قوغۇن-تاۋۇز تۈرىدىكىلەر تېرىلمىغان ئەت تۇپراق ياكى قۇمساڭغۇ ئەت تۇپراقلىق يەرلەرنى تاللاش كېرەك.

2) پەرۋىشنى كۈچەيتىش. تېرىشتىن ئىلگىرى يەرنى ئوبدان تەكشىلەپ، چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت بىلەن يېتەرلىك ئوغۇتلاش كېرەك. سۇغىرىشتا ئېرىقنىڭ سۇ ئورنىنى تۈپنىڭ ئۆسۈشى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تۆۋەنلىتىپ، يىلتىز بوغۇزىنى قۇرغاق ساقلاش كېرەك. سۇغىرىش قېتىم سانىنى تۇپراق سۈپىتى، يەر ئاستى سۇ ئورنى ۋە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ بەلگىلەش، پىرىنسىپ جەھەتتىن مايسا مەزگىلىدە ئاز سۇغىرىش، چېچەكلەشتىن سويما يوغىناش مەزگىلىگىچە كۆپرەك سۇغىرىش، قوغۇن پىشىش مەزگىلىدە ئاز سۇغىرىش كېرەك.

3) ئۇرۇقنى پاكلاش. ‹1› ئۇرۇقنى سۇغا چىلاش: ئۇرۇقنى ئىلمان سۇغا چىلاش ياكى %40 لىك فورمالىن (فۇئېرمالىن 福尔马林)نىڭ 200 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە 2 سائەت چىلاپ سۈزىۋالغاندىن كېيىن، سۈزۈك سۇدا پاكىز چايقاش كېرەك. ‹2› ئۇرۇقنى دورىلاش: ئۇرۇققا ئۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ %0.2-%0.3 ىچىلىك دېكسون (دىكېسۇڭ 敌克松) ياكى باۋىستىن (دوجۈنلىڭ 多菌灵) ئارىلاشتۇرۇپ پاكلاش كېرەك.

4) كېسەلگە تاقابىلچان سورتلارنى تېرىش. ئادەتتە، يوپۇرمىقى كېسەلگە تاقابىلچان سورتلارنىڭ يىلتىزىمۇ سولىشىپ قۇرۇش كېسلىگە تاقابىلچان كېلىدۇ.

5) دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش. يىلتىزىغا دورا قۇيۇش ۋە يوپۇرماققا دورا پۈركۈش ئۇسۇلىنى قوللانسا، كېسەل زىيىنىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن كېسەلنى تەلتۆكۈس يوقاتقىلى بولمايدۇ. ئېتىزدا كېسەللەنگەن تۈپلەر بايقالغان ھامان، %25 لىك بېنلات (بېنلەيتې 苯来特) ۋە %50 لىك مېتىل توپسىن (جياجىتوبۇجىن 甲基托布津) ۋە %50 لىك باۋىستىن ياكى دېكسوننىڭ 500-1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى، ھەر تۈپنىڭ يىلتىز ئەتراپىغاml 250-500ml دىن، يەتتە كۈندە بىر قېتىم، جەمئىي 2-3 قېتىم قۇيۇش كېرەك. ئېتىزدا كېسەل تۈپلەر بىرقەدەر كۆپ بولسا، ھەرگىز سۇغارماسلىق، ئاۋۋال دورا سۇيۇقلۇقىنى يىلتىزىغا بىر نەچچە كۈن قۇيۇپ، ئاندىن سۇغىرىش كېرەك.

قوغۇن ۋاباسى

ئالامىتى: كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە غول تۈۋى ئاچ يېشىل رەڭدە مەڭلىشىدۇ، كېسەللەنگەن جاي تەدرىجىي قورۇلۇپ ۋە سېسىپ، ئاچ قوڭۇرغا ئۆزگىرىدۇ. كېسەللەنگەن يوپۇرماقلار سولاشقاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي پېلەكمۇ پۈتۈنلەي سولىشىپ قۇرۇيدۇ. كېسەللەنگەن تۈپتىكى ئۆتكۈزگۈچى نەيچىلەرنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمەيدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى:

1) نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش. قوغۇن-تاۋۇز تۈرىدىكىلەردىن باشقا زىرائەتلەر بىلەن ئۈچ يىلدىن كۆپرەك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش كېرەك. ئالدىنقى ئېڭىزىغا ئاشلىق تېرىلغان ياكى ئاغدۇرۇپ ئاق قالدۇرۇلغان يەر بولسا، قوغۇن تېرىشقا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ.

2) سۇغىرىشقا دىققەت قىلىش. قوغۇن چۆنىكى تۈز بولۇشى، بەك ئۇزۇن بولماسلىقى، باستۇرۇپ سۇغارماسلىق، چۆنەك تاختىسىنى سۇ بېسىپ كەتمەسلىك كېرەك. ئۆسۈشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە سۇغىرىشنى تىزگىنلەش، چۈشتە تېمپېراتۇرا يۇقىرى مەزگىلدە سۇغارماسلىق، قوغۇن پىشىش مەزگىلىدە ئاز سۇغىرىش، سۇغىرىشتا سۇ ئورنى تۆۋەن بولۇش كېرەك. مۇۋاپىق ئوغۇتلاش، ئېتىزدا كېسەللەنگەن تۈپلەر بايقالغان ھامان ۋاقتىدا يۇلىۋېتىش كېرەك.

3) ئۇرۇقنى پاكلاش (كونكرېت ئۇسۇلى سولىشىپ قۇرۇش كېسىلىنىڭكىگە ئوخشاش).

4) كېسەلگە تاقابىلچان سورتلارنى تېرىش كېرەك.

5) دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش. تۆۋەندىكى دورىلارنى يەتتە كۈن ئەتراپىدا بىر قېتىم، ئۇدا 3-4 قېتىم يىلتىز ئەتراپىغا قۇيۇش ياكى يوپۇرمىقىغا پۈركۈش كېرەك. %70 لىك دېكسون ئەسلى پاراشوكىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %70 لىك فوسېتېل + ئاليۇمىن + مانكوزېب (يىلىنمېڭشىن 乙磷锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %58 لىك مانكوزېب (جياشۇاڭلىڭمېڭشىن 甲霜灵锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىى ياكى %64 لىك ساندوفان (شادۇفەن 杀毒矾) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 400-500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ، ھەر تۈپنىڭ يىلتىزىغا ml250-500ml دىن قۇيۇش كېرەك.