باش بەت>باغۋەنچىلىك

قوغۇن كېسەللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش (3)

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-09 19:49:00 مەنبە:«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

پېلەك قۇرۇش كېسىلى

ئالامىتى:

كۆپ ھاللاردا ئاساسىي پېلەكنىڭ تۈۋىدە ياكى يان پېلەك ئۆسۈپ چىققان ئورۇندا پەيدا بولىدۇ. كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە مەڭلەش كۆكۈچ داغ پەيدا بولۇپ، سەل ئولتۇرۇشىدۇ، ئاندىن ئاجرىلىپ چىققان ماددىلار تەدرىجىي قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك يېلىمسىمان ماددىغا ئۆزگىرىپ، قۇرۇغاندىن كېيىن كېسەل دېغى كۈلرەڭ قوڭۇرغا ئۆزگىرىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە كېسەل دېغىدا قارا رەڭلىك ئۇششاق چېكىتلەر پەيدا بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى:

1. قوغۇننى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش كېرەك.

2. پەرۋىشنى كۈچەيتىش كېرەك (ئاق توزان كېسلىنىڭكىگە ئوخشاش).

3. ئۇرۇقنى بىرتەرەپ قىلىش كېرەك (باكتېرىيەلىك يوپۇرماق داغ كېسىلىنىڭكىگە ئوخشاش).

4. سۇغىرىشنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك (قوغۇن ۋاباسىنىڭكىگە ئوخشاش).

5. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلىدە %70 لىك مانكوزېب (دەيسېنمېڭشىن 代森锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %50 لىك توپسىن (توبۇجىن 托布津) ياكى باۋىستىن (دوجۈنلىڭ 多菌灵) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، 50:1 نىسبەتلىك توپسىن ياكى دېكسون (دىكېسوڭ 敌克松)  ئېرىتمىسىنى جايلىق ئورۇنغا سۈرۈش كېرەك.

ۋىرۇس كېسىلى

ئالامىتى:

كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە يوپۇرماق تومۇرىنى بويلاپ قېنىق يېشىل رەڭلىك يوللۇق بەلباغ شەكىللىنىدۇ، ئاندىن ئۆسۈپ چىققان يوپۇرماقتا يېشىل ئالا داغ پەيدا بولۇپ، ئالا يوپۇرماق شەكىللىنىدۇ. ئېغىرلاشقاندا ئىككىلەمچى پېلەك، ئۈچلەمچى پېلەكلەرنىڭ بوغۇم ئارىلىقى قىسقىراپ، مۈدۈر-چوقۇر داغ شەكىللىنىدۇ ياكى يوپۇرماق قورۇلۇپ، گىرۋىكىدە چوڭقۇر يېرىقچە شەكىللىنىپ، توخۇ پۇتى شەكىللىك يوپۇرماق ھاسىل بولۇپ، يوپۇرماق ساپىقى قىسقىرايدۇ. كېسەللەنگەن سويما كىچىك، غەيرىي شەكىللىك بولۇپ قېلىپ، ھۈررەكچە ياكى يېشىل ئالا داغ پەيدا بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى:

1. قوغۇن ئېتىزىنى كۆكتاتلىقتىن يىراقراق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ كاۋا تۈرىدىكىلەر بىلەن بىرگە ئۆستۈرمەسلىك كېرەك.

2. مۇۋاپىق بالدۇر تېرىپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى كۈچەيتىپ، كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىمكانقەدەر كېسەل پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى سويمىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

3. ئۇرۇقنى بىرتەرەپ قىلىش. 1) تېرىشتىن ئىلگىرى ئۇرۇقنى 60-62 لۇق سۇغا 10 مىنۇت ياكى 55 لۇق سۇغا 40 مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن، سوغۇق سۇغا يەنە 12-14 سائەت چىلاپ ئاندىن تېرىش كېرەك. 2) ئۇرۇقنى قۇرغاق ئىسسىقتا بىرتەرەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇرۇقنى 40 لۇق شارائتتا 24 سائەت تۇرغۇزۇپ بىرتەرەپ قىلغاندىن كېيىن، يەنە 68 لۇق قۇرغاق ئىسسىق، مۇقىم تېمپېراتۇرىلىق شارائىتتا 5 كۈن تۇرغۇزۇش كېرەك. 3) ئۇرۇقنى %10 لىك تىرىناترىي فوسفات (لىنسۈەنسەننا 磷酸三钠) ئېرىتمىسىگە 20 مىنۇت چىلاش كېرەك.

4. كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: 1) كۈشەندىسىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، كۆكپىتنى يوقىتىش كېرەك. 2) كۆكپىتنىڭ ئىنتىلىش خۇسۇسىيىتىدىن پايدىلىنىپ،  كۈمۈش رەڭلىك ياكى قارا رەڭلىك يالتىراق يوپۇقتىن پايدىلىنىپ قاچۇرۇش، سېرىق رەڭلىك تاختايدىن پايدىلىنىپ چاپلاشتۇرۇپ يوقىتىش ئارقىلىق، ۋىرۇس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. 3) قاناتلىق كۆكپىت پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، قوغۇنلۇق ئەتراپىدىكى پارنىك ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كۆكپىت پارازىت غوجىلىرىغا دورا پۈركۈپ، كۆك پىتنى يوقىتىش كېرەك. 4) ئايرىم تۈپلەردە كۆكپىت بايقالغان ھامان غولىغا دورا سۈرۈپ يوقىتىش كېرەك. 5) كېسەللەنگەن تۈپلەر بايقالغان ھامان يۇلىۋېتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پېلەكلەرنى تاراش، ئۇچىنى ئۈزۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، كېسەلنىڭ ئېتىز مەشغۇلاتى ئارقىلىق تارقىلىشىنى تىزگىنلەش كېرەك. 6) كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە %20 لىك ۋىرۇس A A)病毒) ياكى بىڭدۇبىكې (病毒必克) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش كېرەك.