باش بەت>باغۋەنچىلىك

قوغۇن زىيانداش ھاشاراتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش (3)

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-10 12:29:00 مەنبە:«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قوغۇن تەتقىقات مەركىزىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى ئەركىن ياسىن

تىرىپىس

زىيان سېلىش ئەھۋالى:

قوغۇن تۈرىدىكىلەرگە تاماكا تىرىپىسى ۋە سېرىق تىرىپىستىن ئىبارەت ئىككى خىل تىرىپىس زىيان سالىدۇ. تىرىپىسنىڭ يېتىلگەن ھاشارىتى ۋە قورچىقى مەركىزىي يوپۇرماق، يۇمران بىخ ۋە يۇمران مېۋىلەرنىڭ شىرنىسىنى سۈمۈرۈپ ئوزۇقلىنىدۇ. زىيانغا ئۇچرىغان مەركىزىي يوپۇرماق نورمال يېيىلالمايدۇ. ئۆسۈش نۇقتىسى قورۇلۇپ، يان بىخ چىقىرالمايدۇ، ھەتتا يان بىخ غۇژمەك ئۆسۈپ قالىدۇ. سويما زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، پوستى دات رەڭگە كىرىپ، ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ. ئېغىر بولغاندا مەھسۇلات ۋە سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى:

1. يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇپ توڭ ياتقۇزسا، قىشتىن ئۆتىدىغان يېتىلگەن ھاشارىتى ۋە لىچىنكىسىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

2. ئوت - چۆپلەرنى ئوتاپ، پەيدا بولۇش مەنبەسىنى تارايتىش كېرەك.

3. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، مايسا مەزگىلىدە ئازودېرىن-پولىۋىنىل ئىسپىرت (جيۇشياۋلىنجۈيىشىچۈن 久效磷聚乙烯醇) ياكى ئاتسېفات (يىشيەنجيائەنلىن 乙酰甲胺磷)نى غولىغا سۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭ ئۇسۇلى كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلىغا ئوخشايدۇ.

ئاق توزان پىت

زىيان سېلىش ئەھۋالى:

يېتىلگەن ھاشارات ۋە لىچىنكىسى ئۆسۈملۈك شىرنىسىنى سۈمۈرۈپ ئوزۇقلىنىدۇ، زىيانغا ئۇچرىغان يوپۇرماق يېشىللىقىنى يوقىتىپ سولىشىدۇ، ھەتتا تۈپ بويىچە قۇرۇپ كېتىدۇ. ئاق توزان پىت ئاجرىتىپ چىقارغان شىلىمشىق ماددىلار يوپۇرماقنى بۇلغاپ، پاختىلىشىپ چىرىش كېسىلىنى پەيدا قىلىپ، يوپۇرماقنىڭ فوتوسىنتېز رولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، يەنە ۋىرۇس كېسىلىنى تارقىتىپ، مەھسۇلات ۋە سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى:

1. پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈشتىن ئىلگىرى د د ۋ (دىدىۋېي 敌敌畏) ياكى ئىسلاش دورىسى (شۈنجېڭجى 熏蒸剂) ئارقىلىق، قالدۇق ئاق توزان پىتلارنى يوقىتىپ، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىمىغان تىمەن مايسا يېتىشتۈرۈش كېرەك.

2. دورا ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، %2.5 لىك كارات (گوڭفۇ 功夫) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 5000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %20 لىك مىئوتىرىن (ميېساۋلى 灭扫利) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %2.5 لىك دېكامېترىن (شيۇچىڭجۈجى 溴氰菊酯) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش كېرەك.

3. سېرىق تاختايغا جەلپ قىلىپ يوقىتىش كېرەك. ئاق توزان پىت سېرىق رەڭگە كۈچلۈك ئىنتىلىدۇ. شۇڭا، كېرەكسىز پەنەركىنى سېرىق رەڭدە سىرلاپ، ئۈستىگە يەنە بىر قەۋەت يېپىشقاق ماي سۈرۈپ، پارنىك ياكى چوڭ ئېتىزدا چۆنەك ئارىسىغا قوغۇن پېلىكى بىلەن ئوخشاش ئېگىزلىكتە بېكىتىش كېرەك. ھەر مو يەرگە 30-40 تاختاي ئورناتسا بولىدۇ. سېرىق تاختايغا ئاق توزان پىت ۋە چاڭ-توزانلار كۆپ چاپلىشىپ كەتكەندە، ئۇنى تازىلاپ قايتىدىن بىر قەۋەت يېپىشقاق ماي سۈرۈپ قويۇش كېرەك.