باش بەت>باغۋەنچىلىك

ئۆرۈك مېغىز قۇرتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-19 18:13:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

يېقىندا مۇخبىر جىگدىلىكباغ كەنتىدىكى ئۆرۈكلەردە كۆرۈلگەن قارا قورساقلىق ئاق قۇرت توغرىسىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى لياۋ كاڭنى زىيارەت قىلدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ مېۋىلىك دەرەخلەردە پەيدا بولىدىغان مېغىز قۇرتى بولۇپ، مەخسۇس مېۋە ئېتى ۋە مېغىزىنى يەيدىكەن.

لياۋ كاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ئۆرۈكلەر پۈتۈنلەي يىغىۋېلىنغان بولۇپ، يەرگە تۆكۈلگەن مېۋىلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ چىقىرىۋېتىش، قېرى، كۆپۈپ قالغان، كېسەل تەگكەن قوۋزاقلارنى قىرىۋېتىش، كېسەل تەگكەن، قۇرۇپ قالغان مېۋە، شاخلارنى چاتىۋېتىش ئارقىلىق زىيانداش ھاشاراتنىڭ قىشتىن ئۆتىدىغان لىچىنكىسىنى يوقىتىش كېرەك. غولىغا سېسىشتىن ساقلاش دورىسى سۈرسە، تىمەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. كۈزدىن تارتىپ كېلەر يىلى ئەتىيازغىچە باغنى تازىلاپ، باش باھاردا گۈڭگۈرت-ھاك بىرىكمىسى بىلەن پاكلىسا بولىدۇ.

ھەر يىلى ئۆرۈكنىڭ چېچىكى تۆكۈلگەندىن كېيىن، ئۆرۈك ھەرىسى، نەشپۈت مېغىز قۇرتى، ئالما پەرۋانىسى قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ يېتىلگەن قۇرتى ۋە دەسلەپكى لىچىنكىسى مېۋىنى يېيىشتىن بۇرۇن، ئۆرۈك دەرىخىگە %20 لىك ميېساۋلى (灭扫利) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 2500-3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %10لىك سىپېرمېتىرىن (لۈچىڭجۈجى 氯氰菊酯) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسنى چاچسا بولىدۇ. مېۋىسى يوغىناش مەزگىلىدە %1.8 لىك ئاۋىرمېكتىن (ئاۋېيجۈنسۇ 阿维菌素) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %3 لىك ئاكېتامىپرىد (دىڭچۇڭمى 啶虫脒) سۇيۇق دورىسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ۋە ياكى %0.2 لىك سېرىق بۇيا ئىشقارى (matrine، كۇشېنجيەن 苦参碱) سۇيۇق دورىسىنىڭ 1000-1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە، كۆك پىت تۈرىدىكى، تەڭگە قاناتلىقلار ئائىلىسىدىكى زىيانداش ھاشاراتلار ۋە دەسلەپ تۇخۇمدىن چىققان قاسراقلىق قۇرت تۈرىدىكىلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ. لېكىن، مېۋىسى پىشىش مەزگىلىدە دورا پۈركۈشكە بولمايدۇ. مېۋىسى يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئۆرۈكنىڭ غول شېخىغا %99.1 لىك دىسىچۇڭ (敌死虫) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 100-200 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە، ھاشارات سانىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، لياۋ كاڭ يەنە مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ئۆرۈك دەرىخىگە زىيان سالىدىغان كۆپ ساندىكى كېسەل مىكروبى ۋە زىيانداش ھاشاراتلار قۇرۇغان شاخ، غازاڭ ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپلەردە قىشتىن ئۆتۈپ، ئىككىنچى يىلى كېسەل، زىيانداش ھاشارات مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، كۈزدە چوقۇم ئۆرۈكلۈك باغنى پاكىز تازىلاپ، قالدۇقلارنى يىغىپ ئېچىتىپ ياكى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. باغنى كۈز، قىشتا چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ئارقىلىق، تۇپراقنى بوشىتىپ، ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلىغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە دەرەخ تاجىسى ئاستىدىكى تۇپراق قاتلىمىدا قىشتىن ئۆتىدىغان زىيانداش ھاشاراتلارنى يەر يۈزىگە چىقىرىپ، قۇشلارغا يەم قىلىۋەتكىلى ياكى توڭلىتىپ ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى دەرەخ غولىغا كاناپ رەخت قاتارلىق توقۇلما بۇيۇملارنى باغلاپ قويۇش ئارقىلىق قىشتىن ئۆتىدىغان زىيانداش ھاشاراتلارنى شۇ يەرگە يىغىپ، ئەتىيازدا بىراقلا كۆيدۈرۈپ يوقىتىش كېرەك. قىشتا ئۆرۈك دەرىخىنىڭ غولىنى ھاكلاپ قويسا، كۈن چېقىۋېتىش ۋە ئۈششۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە دەرەخ غولىدىكى زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ.