باش بەت>باغۋەنچىلىك

پەيزاۋات قوغۇنىدىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-19 19:09:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

قوغۇن تومابېشى كەنتىدە تېرىلىدىغان ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دېھقانلار بۇنىڭدىن ئوبدان پايدىغا ئېرىشتى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قوغۇندا كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتلار كۆرۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ بېشىنى قاتۇردى.

مۇخبىر مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك ئاسراش تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى خەن شېڭنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قوغۇندا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەردىن ئاساسلىقى قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلى، ئاق توزان كېسىلى، توساتتىن يېتىپ كېتىش كېسىلى، تىك قۇرۇش كېسىلى، باكتېرىيەلىك مەڭلىشىش كېسىلى، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى، ۋابا قاتارلىقلار؛ زىيانلىق ھاشاراتلاردىن ئاساسلىقى كۆكپىت ۋە تىرىپىس بار. بۇنىڭ ئۈچۈن دېھقانلار كېسەل، ھاشارات زىيىنى بىلىملىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

قىروۋسىمان پاختىلىشىش كېسىلى

بۇ كېسەلگە خىمىيەلىك ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئايغىچە ھەر مو يەرگە kg60دىن توغرىلاپ، يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن جەمئىي 4-5 قېتىم دورا پۈركۈش كېرەك. 6-ئايدىن 8-ئايغىچە ھۆل-يېغىن كۆپ بولسا، بۇ كېسەلنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش زۆرۈر.

ئۇسۇلى: %72لىك شۇاڭنياۋمېڭشىن (霜脲锰锌) ياكى شۇاڭيىبىكې (霜疫必克) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %10لىك فېنوترىن (بېنمىجۈجى 苯醚菊酯) سۇسپېنزىيەسىنىڭ 2500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى (بۇ ھەم ئاق توزان كېسىلىنى يوقىتىدۇ)، %60لىك فىلۇموپىن.مانكوزېب (فۇمالىن.دەيسېنمېڭشىن 氟吗啉.代森锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ۋە ياكى %69لىك شىشيەنمېڭشىن (烯酰锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يەتتە كۈندە بىر قېتىم پۈركۈش كېرەك.

ئاق توزان كېسىلى

بۇ كېسەلگە 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 8-ئايغىچە ھەر مو يەرگە kg60دىن توغرىلاپ، 10 كۈندە بىر قېتىمدىن، جەمئىي 2-3 قېتىم دورا پۈركۈش كېرەك.

ئۇسۇلى: %25لىك ئىتىرىمول (يىمىفېن 乙蜜粉) سۇسپېنزىيەسىنىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى تۇمانلىتىپ پۈركۈش. g20 دورىنى kg30 سۇدا ئېرىتىش كېرەك. يىل بويى ئىشلەتسە بولىدۇ. كېسەل ئېغىر بولسا، يىمىفېن سۇسپېنزىيەسىنىڭ 750 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يەتتە كۈندە بىر قېتىم؛ %30لىك تىرىفمىن (تېفۇلىڭ 特富灵)، تىرىفلۇمىزول (فۇجۈنزو 氟菌唑) ياكى (سەنفۇمىزو 三氟咪唑) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يەتتە كۈندە بىر قېتىم؛ %25لىك ئازوكسىستىروبىن (مىجۈنجى 嘧菌酯) ياكى ئازوكسىستىروبىن (ئامىشىدا 阿米西达) سۇسپېنزىيەسىنىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 7-10 كۈندە بىر قېتىم؛ %50 لىك ئازوكسىستىروبىن (سۈيبېي 翠贝) قۇرۇق سۇسپېنزىيەسىنىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 7-10 كۈندە بىر قېتىم تۇمانلىتىپ پۈركۈش كېرەك. %40لىك مايكوبوتانول (شىنشېڭ 信生) جىڭجۈنزو (腈菌唑) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 4000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسىمۇ بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ئاسانلا دورا زىيىنى پەيدا بولىدۇ، چوقۇم بەلگىلەنگەن قويۇقلۇقى بويىچە تەڭشەپ ئىشلىتىش، ئۆسۈشنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىدە باشقا دورىلار بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش، دەۋرلىنىش ئارىلىقى يەتتە كۈن بولۇش كېرەك.

تۇيۇقسىز يېتىپ كېتىش كېسىلى ۋە تىك قۇرۇش كېسىلى

مايسا مەزگىلىدە ئۇدا تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ھاۋا رايى كۆرۈلسە، ئاسانلا تۇيۇقسىز يېتىپ كېتىش كېسىلى ۋە تىك قۇرۇش كېسىلى پەيدا بولىدۇ. ئۇرۇق بىرتەرەپ قىلىش بۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر بولۇپ، ئۇرۇقنى 55لۇق سۇغا 20 مىنۇت چىلاپ، ئاندىن %0.1لىك مارگانسوپ (كالىي پېرمانگانات، گاۋمېڭسۈەنجيا 高锰酸钾) ئېرىتمىسى ياكى %40لىك فورمالدېھىد (جياچۈەن 甲醛)نىڭ 100 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە 30 مىنۇت چىلاپ، يۇيىۋەتكەندىن كېيىن تېرىش كېرەك. ياكى بولمىسا، تېرىشتىن بۇرۇن ئۇرۇقنى دورىلاش، يەنى قۇرۇق ئۇرۇق ئېغىرلىقىنىڭ  %4ىگە توغرا كېلىدىغان %2.5لىك فلۇدىئۇكسىنول (گېجۈنجىڭ 咯菌腈) سۇسپېنزىيەلىك ئۇرۇق قاپلاش دورىسى (شىلېشى 适乐时) ياكى %37.5لىك كاربوكسىن (ۋېيشيۇلىڭ 萎锈灵)  قوشۇلغان % 37.5 تىرام (فۇمېيشۇاڭ 福美双) سۇسپېنزىيەلىك ئۇرۇق قاپلاش دورىسى (ۋېيفۇ 卫福) ۋە ياكى %6.25لىك مېتالاكسىل . فلۇدىئوكسىنول (جىڭجيا.گېجۈنجىڭ 精甲.咯菌腈) سۇسپېنزىيەلىك ئۇرۇق قاپلاش دورىسى (لياڭدۈن 亮盾) نىڭ ھەر lm400ىنى 2L سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، kg100 ئۇرۇققا پۈركۈسە بولىدۇ. دورا پۈركۈگەچ ئۇرۇقنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇرۇق قۇرىغاندىن كېيىن تېرىسا بولىدۇ.

ئەگەر، تېرىپ بولغاندىن كېيىن كېسەل پەيدا بولسا، دورا سۈيىنى مايسىغا پۈركۈش، مايسا مەزگىلىدە ھەر مو يەرگە kg30دىن، تۈپ شەكىللەنگەندىن كېيىن ھەر مو يەرگە kg60دىن كۆپرەك، 6-7 كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 2-3 قېتىم %58لىك مانكوزېب (جياشۇاڭلىڭمېڭشىن 甲霜灵锰锌) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %68لىك مېتالاكسىل (جياشۇاڭلىڭ 甲霜灵) + مانكوزېب (دەيسېنمېڭشىن 代森锰锌) سۇدا تارقىلىشچان دانچە دورىسى (جىنلېيدومىئېر 金雷多米尔)نىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %50 لىك دېكسون (دىكېسوڭ 敌克松) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈپ، ئالدىنى ئالسا، يوقاتسا بولىدۇ.

يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىپ ئۆستۈرۈش شارائىتىدا، دورىنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ 6-7 كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 3-4 قېتىم ئىشلەتسە بولىدۇ، مەشغۇلاتتا ئاۋۋال سۇ تېمىتىش، ئاندىن دورا تېمىتىش، يەنە سۇ تېمىتىش تەرتىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، بولمىسا دورا زىيىنى كۆرۈلىدۇ. دورا ئىشلىتىشتە، %50لىك دېكسون نەملىنىشچان پاراشوكىنى ھەر مو يەرگە 50g-100g ۋە %58لىك مانكوزېب نەملىنىشچان پاراشوكىنى ھەر مو يەرگە g50 ياكى %68لىك مېتالاكسىل + مانكوزېبنىڭ سۇدا تارقىلىشچان كىرىستال دورىسى (جىنلېيدومىئېر 金雷多米尔) نى ھەر مو يەرگە g50دىن ئىشلەتسە بولىدۇ.

باكتېرىيەلىك مەڭلىشىش كېسىلى

ئۇرۇق بىرتەرەپ قىلىش بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇرۇقنى %40لىك فورمالىننىڭ 200 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە 24 سائەت چىلاپ، پاكىز سۇدا 5-6 قېتىم چايقىۋەتكەندىن كېيىن، قۇرۇتۇپ تېرىسا بولىدۇ. مايسا ئۈنۈش، چېچەكلەش، قوغۇن يوغىناش قاتارلىق ھالقىلىق مەزگىللەردە دورا پۈركۈپ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. %47لىك كاسۇمىن (جيارۈينۇڭ 加瑞农) نىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ھەر مو يەرگە kg45-kg60 توغرىلاپ يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈسە بولىدۇ.

سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ۋە ۋابا

مۇۋاپىق سۇغىرىش بۇ كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتىكى ھالقىلىق تەدبىردۇر. ئۆلچەملىك چۆنەك ئېچىش سۇغىرىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى. ئۇرۇقنى تېرىپ 40-45 كۈن بولغاندا تۇنجى قېتىم قاندۇرۇپ سۇغىرىش، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر 10 كۈندە بىر قېتىم سۇغىرىش كېرەك. سۇغارغاندا يەككە ئېرىقتا سۇغىرىش، لېكىن باستۇرۇپ سۇغارماسلىق، قوغۇن يوغىناشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە سۇغىرىش مىقدارىنى ئازايتىش، يېرىم ئېرىق سۇ باشلاش، ھەرگىز قىرغا سۇ باستۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

ئاز ساندىكى كېسەل تەگكەن يەرلەرگە نىسبەتەن، دەسلەپكى مەزگىلدە دېكسوننىڭ 300 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى بىلەن يىلتىزدىن سۇغىرىش، ھەر تۈپ مايسىغا kg0.5دىن دورا سۇيۇقلۇقى توغرىلاش، لېكىن ۋاقتىدا سۇغىرىش كېرەك، بولمىسا ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ.

يوپۇق ئاستىدىن تېمىتىپ سۇغىرىپ ئۆستۈرۈش شارائىتىدا، دورىنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر 6-7 كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 3-4 قېتىم ئىشلىتىش، مەشغۇلاتتا ئاۋۋال سۇ تېمىتىش، ئاندىن دورا تېمىتىش، يەنە سۇ تېمىتىشتەك تەرتىپ بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك، بولمىسا دورا زىيىنى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدا %50لىك دېكسون نەملىنىشچان پاراشوكىنى ھەر مو يەرگە g50-g100 ياكى %58لىك مانكوزېب نەملىنىشچان پاراشوكىنى ھەر مو يەرگە g50 ۋەياكى %68لىك مېتالاكسىل + مانكوزېب سۇدا تارقىلىشچان كىرىستال دورىسىنى ھەر مو يەرگە g50 ئىشلەتسە بولىدۇ.

يوپۇرماق قۇرۇش كېسىلى

بۇ كېسەل پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە ياكى ھۆل يېغىنلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈشتىن بۇرۇن، %50لىك روۋرال (پۇخەييىن 扑海因) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى،%80لىك مانكوزېپ (54-大生M) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %50لىك سۇمىلېكس (سۇكېلىڭ 速克灵) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %70لىك مانكوزېب نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 400 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ھەر يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 3-4 قېتىم ئىشلىتىش ھەمدە يامغۇردىن كېيىن تولۇقلاپ پۈركۈش ۋە ئېتىزغا يىغىلىپ قالغان سۇنى چىقىرىۋېتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

كۆكپىت

كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، پايدىلىق ھاشاراتلارنى قوغداپ، زىيانلىقلىرىنى يوقىتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، كۆكپىت پەيدا بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە پۈتكۈل ئېتىزغا دورا پۈركۈپ كۈشەندىلىرىنىمۇ يوقىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش، قوغۇن ئېتىزىدىكى كۆكپىت پەيدا بولغان مەركىزىي تۈپنى ئامال بال بالدۇرراق ئېنىقلاپ، ئەتراپىدىكى تۈپلەر بىلەن قوشۇپ غولىغا دورا سۈرۈپ يوقىتىش كېرەك. 40لىك روگور (لېگو 乐果) ياكى 40لىك ئاتسېفات (يىشيەنجيائەنلىن 乙酰甲胺磷) نىڭ 5 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 10 كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 2-3 قېتىم قوغۇننىڭ غولىغا cm10 ئېگىزلىكتە سۈرسە بولىدۇ.

ئەگەر، ئېتىزدا زەھەرلىك كۆكپىت پەيدا بولسا ھەمدە ۋىرۇس كېسىلى تەگكەن بولسا، پۈتكۈل ئېتىزغا دورا پۈركۈپ، كېسەلنىڭ كۆكپىت ئارقىلىق يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇنىڭدا %10لىك ئىمىداكىلوپرىد (بىچوڭلىن 吡虫啉) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %25لىك پىمېتروزىن (Pymetrozine، بىياتوڭ 吡蚜酮) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %20لىك ئاسىتامىرىد (دىڭچوڭمى 啶虫脒) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 8000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى يەتتە كۈندە بىر قېتىمدىن، ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.

تىرىپىس

%20لىك ئىمىداكىلوپرىد سۇسپېنزىيەسىنىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %5لىك فىپرونىل (فۇچوڭجىڭ 氟虫腈) سۇسپېنزىيەسىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %3لىك دىڭچوڭمى سۈتسىمان مايلىق دورىسىنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 7-10 كۈندە بىر قېتىم پۈركۈپ يوقاتسا بولىدۇ.

 

(«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» مۇخبىرى فۇ چاۋ)