باش بەت>باغۋەنچىلىك

يازدا تىراكتورنى بىخەتەر ھەيدەشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 17:39:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

1. رادىياتور قايناپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يازدا تىراكتورنىڭ موتورىدىكى تېمپېراتۇرا تەڭشىگۈچنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ، سۇ دۇغلىرىنى تازىلاپ، سوۋۇتۇش سۈيىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇرۇش لازىم. ھەيدەشتىن بۇرۇن يېتەرلىك سۇ قۇيۇش، شامالدۇرغۇچ تاسمىسىنىڭ چىڭ-بوشلۇقىنى ئۆلچەم بويىچە تەڭشەش كېرەك. ھەيدەۋاتقاندا سۇ تېمپېراتۇرىسى ياكى سۇ تېرمومېتىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر، رادىياتور سۈيى قايناپ كەتسە، تىراكتورنى دەرھال توختىتىپ، موتورنى نورمال سۈرئەتتە ئايلاندۇرۇپ، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 60-70قا چۈشكەندە ئاندىن پاكىز سوغۇق سۇ قۇيۇش، ھەرگىز قايناۋاتقان چاغدا سوغۇق سۇ قۇيماسلىق كېرەك.

2. بالون يېرىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يازدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، تىراكتور ئاپتاپتا ئۇزۇن تۇرسا، بالونى يېرىلىدۇ، ھەتتا ئېتىلىپ كېتىدۇ، سىرىمۇ تېز ئۆڭىدۇ، شۇڭا تىراكتورنى ئامال بار ئاپتاپتا قويماسلىق كېرەك. ئەتىگەندە بالونغا يەل ئۇرغاندا قىش كۈندىكىدىن %30 ئاز ئۇرۇش كېرەك. تىراكتورنى ھەيدەۋاتقاندا بالوننىڭ يەل بېسىمى ۋە تېمپېراتۇرىسىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئەگەر بالون قولنى كۆيدۈرگىدەك قىزىپ كەتكەن بولسا، تىراكتورنى سالقىن جايدا توختىتىپ سوۋۇتۇش كېرەك، ھەرگىز بالوننىڭ يېلىنى قويىۋېتىش ياكى سوغۇق سۇ سېپىش ئارقىلىق بالون تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولمايدۇ.

3. تاسما تاشلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا تىراكتور تاسمىسى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ، شۇڭا تاسمىنىڭ چىڭ-بوشلۇقىنى دائىم تەكشۈرۈش ھەم تەڭشەش ئارقىلىق تاسما تاشلىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

4. ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ئاككۇمۇلياتور يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا خىزمەت قىلغاندا ھاسىل بولغان زور مىقداردىكى پار ھاۋا تۆشۈكچىسىنى توسىۋېلىپ، ئاككۇمۇلياتور ئىچكى بېسىم ئېشىپ كېتىش سەۋەبلىك يېرىلىپ كېتىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرا يەنە ئاككۇمۇلياتور ئېلېكتىر قۇتۇپلىرىنى ئوكسىدلاپ، تىراكتورنىڭ توكىنى تۇيۇقسىز ئۈزۈپ قويىدۇ. شۇڭا، ئاككۇمۇلياتور ئىچىدىكى ئېلېكتىرولىز سۇيۇقلۇقىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئازىيىپ كەتسە ۋاقتىدا تولۇقلاش ھەمدە ھاۋا ئۆتۈشۈش تۆشۈكىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاككۇمۇلياتور ئېلېكتىر قۇتۇپلىرىنىڭ ئۈستىگە ۋازېلىن سۈرۈپ، ئېلېكتىر قۇتۇپ ئوكسىدلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر، ئېلېكتىر قۇتۇپلىرى ئوكسىدلىنىپ كەتكەن بولسا، قۇتۇپ سىملىرىنى بوشىتىپ، داتنى قۇم قەغەزدە سۈرتۈپ چىقىرىۋېتىپ، ئاندىن سىملىرىنى قايتا چىڭىتىپ، ۋازېلىن سۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

5. ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يازدا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن توك يولى ۋە ماي تۇرۇبىسىنىڭ ئۇلاقلىرىنى ياخشى تەكشۈرۈپ، تۇتىشىش ياخشى بولماي ئوت ئۇچقۇنى پەيدا بولۇش ياكى ماي ئېقىش سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئېلېكتىروسىتاتىك ئوت ئاپىتى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يالتىراق چىلەكتە ماي قۇيماسلىق؛ باكتىن ماي تېشىپ چىقىپ ئوت ئاپىتى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، باكقا ماينى بەك توشقۇزۇپ قاچىلىماسلىق؛ تۇرخۇن تۇرۇبىسىغا قاپقاق ئورنىتىپ، ئوت كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.

6. سىلىقلاش ياخشى بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش

موتورنىڭ ئاپتولىنى پەسىلگە قاراپ ئالماشتۇرۇش ھەمدە نورمال سىلىقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاپتول سۈزگۈچى ۋە رادىياتورىنى قەرەللىك تازىلاپ، نورمال ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

7. تورمۇز ئىشلىمەي قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

يازدا سۇيۇقلۇق بېسىملىق تورمۇز ئورنىتىلغان تىراكتورنىڭ تورمۇز باش پومپىسى بىلەن تارماق پومپىلارنى تەكشۈرۈش، تورمۇز مېيىنى ئالماشتۇرۇش، تورمۇز تۇرۇبا يولىدىكى ھاۋانى تولۇق چىقىرىۋېتىش، تورمۇز پىدالىنىڭ ئېگىزلىكىنى دائىم تەكشۈرۈپ، ئۆزگىرىش بولغاندا ۋاقتىدا تەڭشەش كېرەك.يەل تورمۇزلۇق تىراكتورنىڭ ئەڭ چوڭ تورمۇزلاش يەل بېسىمى، تورمۇز رېزىنكىسى ۋە شىلانكىسىنىڭ ھالىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.

8. چارچىغاندا تىراكتور ھەيدەشتىن، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش

يازدا شوپۇرلار ئاسان چارچايدۇ ۋە ئىسسىق ئۆتكۈزىۋالىدۇ، شۇڭا يولغا چىققاندا چەينەك، چېلەك، لۆڭگە ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىش لازىم. ئەگەر، تىراكتور ھەيدەۋاتقاندا بېشى قېيىش، ئېغىزى قۇرۇش، ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، دەرھال تىراكتورنى توختىتىپ ئارام ئېلىپ، كاللىسى سەگەكلەشكەندە ياكى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ھەيدەش كېرەك.

(ئابلەت ئەخمەت ئۇپۇق تەرجىمىسى)