باش بەت>باغۋەنچىلىك

ئۇرېيەنىڭ ئەپچىل ئىشلىتىلىشى

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 18:35:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ئۇرېيە كاربون، ئازوت، ئوكسىگېن ۋە ھېدروگىندىن تۈزۈلگەن ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئاق رەڭلىك كىرىستال ياكى پاراشوك ھالەتتە بولىدۇ. كۆپىنچە زىرائەتكە ئازوتلۇق ئوغۇت قىلىنىدۇ. ئۇرېيە ئوغۇت قىلىنغاندىن باشقا، يەنە باشقا كۆپ خىل رولى بار.

چېچەك مىقدارىنى تەڭشەش: ئالمىنىڭ سەلكەش ھوسۇل بېرىشىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، ئاز مېۋىلىگەن يىلى چېچەكتىن كېيىنكى 5-6 ھەپتە (ئالما چېچەك بىخى بۆلۈنۈشنىڭ ئاخىرقى چەك مەزگىلى بولۇپ، بۇ مەزگىلدە يېڭى شاخنىڭ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ ياكى توختايدۇ، يوپۇرماقنىڭ ئازوت تەركىبى تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ)دە يوپۇرمىقىغا % 0.5لىك ئۇرېيە ئېرىتمىسىنى ئۇدا ئىككى قېتىم پۈركۈسە، يوپۇرماقنىڭ ئازوت تەركىبىنى كۆپەيتىپ، يېڭى شاخنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، چېچەك بىخىنىڭ بۆلۈنۈشىنى چەكلەپ، كۆپ مېۋىلەيدىغان يىلنىڭ چېچەك مىقدارىنى مۇۋاپىقلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

چېچەك، مېۋىنى شالاڭلىتىش: شاپتۇلنىڭ چېچەك ئەزالىرى ئازوتقا سەزگۈر بولۇپ، ئۇرېيە ئىشلىتىپ شاپتۇل ۋە توغاچنىڭ چېچەك، مېۋىسىنى شالاڭلىتىش تەجرىبىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شاپتۇل ۋە توغاچنىڭ چېچەك، مېۋىسىنى شالاڭلىتىشتا بىرقەدەر يۇقىرى قويۇقلۇقتا ئۇرېيە ئېرىتمىسى ئىشلەتسە، ئاندىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدىكەن. ئەڭ مۇۋاپىق قويۇقلۇقى %8-%12 بولۇپ، پۈركۈگەندىن كېيىن 1-2 ھەپتە ئىچىدە چېچەك، مېۋىسىنى شالاڭلىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.

شال ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش: شالغۇت شال ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىدا ئاتىلىق، ئانىلىق تۈپنىڭ چەتتىن چېتىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، شالغۇت شال ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ياكى ئۇرۇقسىز سورتتىن ئۇرۇق كۆپەيتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئادەتتە ئانىلىق تۈپكە گىببېرېللىن (چىمېيسۇ 赤霉素) پۈركۈپ ئانىلىق تۈپنىڭ بوينىنى ئورىۋېلىش دەرىجىسى يېنىكلىتىلىدۇ ياكى پۈتۈنلەي باشاق چىقىرىلىدۇ. ئاتىلىق، ئانىلىققا پۈركۈپ، ئىككىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەپ، چېچەك مەزگىلى بىردەكلەشتۈرۈلىدۇ. گىببېرېللىن بىرقەدەر قىممەت بولغاچقا، بۇنىڭدا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارسا تەننەرخى يۇقىرى بولىدۇ. ئۇرېيەنى گىببېرېللىن ئورنىدا ئىشلىتىپ سىناق قىلغاندا، پوقاق بولۇش مەزگىلى، باشاقلاشقا باشلىغان مەزگىل (%20 باشاقلىغان)دە %1.5-%2لىك ئۇرېيە پۈركۈگەندە، ئۇرۇق كۆپەيتىش ئۈنۈمى گىببېرېللىن بىلەن ئوخشاش بولغان ھەمدە تۈپ ئېگىزلىمىگەن.

كېسەل، ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: مۇۋاپىق مىقداردا ئۇرېيە، پاراشوك سوپۇن، سۇنى 4:1:400 نىسبەتتە ئارىلاشتۇرۇپ تەكشى پۈركۈسە، مېۋىلىك دەرەخ، كۆكتاتتىكى كۆك پىت، قىزىل ئۆمۈچۈك، كۆكتات كۆك قۇرتى قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش ئۈنۈمى %90تىن يۇقىرى بولىدۇ.