باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىك كۆكتاتلىرىنى بەك كۆپ ئوغۇتلىماڭ

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 19:14:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكى يۇقىرى بولغاچقا، ئورگانىك ئوغۇت تېز پارچىلىنىدۇ، ئازوتلۇق ئوغۇت كۆپ پارلىنىدۇ. بەك كۆپ ئوغۇتلىسا، ئاسانلا ئوغۇت زىيىنى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئۇدا كۆكتات ئۆستۈرۈلگەن پارنىكتا توخۇ مايىقى ۋە قىغ بىلەن ئوغۇتلاش مىقدارىنى kg2500 ئىچىدە تىزگىنلەش، خىمىيەلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش مىقدارىنى %50 ئەتراپىدا ئازايتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بور، سىنك، ماگنىي قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت ئوغۇتى بىلەن تولۇقلاپ ئوغۇتلاش كېرەك.

بەزىلەر تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولسا، كۆكتات تېز ئۆسىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، كۆكتاتنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان تەلىپىنىڭ يۇقىرى چېكى 32 بولۇپ، تېمپېراتۇرا بەك يۇقىرى بولسا، يۇمران مېۋىنىڭ ئۆسۈشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، تۈپنىڭ ۋېگېتاتىپلىق ئۆسۈشى بىلەن جىنسىي ئۆسۈشىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىمۇ بۇزۇلۇپ، مەھسۇلاتى ئاشماستىن، ئەكسىچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بەزى سورتلاردا ھەتتا بويىغا ئۆسۈپ مېۋىلىمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە ئىككى تۈپ شوخلا تىكسە، %50 فوتوسىنتېز ھاسىلاتىنى ئوزۇقلۇق تېنى خورىتىدۇ، قالغان %50ى مېۋىنىڭ ئۆسۈشىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر، ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە تۆت تۈپ تىكسە، ئوزۇقلۇق تېنى %70-%80 فوتوسىنتېز ھاسىلاتىنى خورىتىدۇ. شۇڭا، بەك زىچ تىكسە مەھسۇلات كېمىيىپ كېتىدۇ ھەمدە ئاسانلا كېسەل پەيدا بولىدۇ.