باش بەت>باغۋەنچىلىك

كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ دېھقانچىلىق دورىسىدىن بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 19:40:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

1. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىش.

2. زەھىرى كۈچلۈك، ئاسان پارچىلانمايدىغان دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك.

3. پۇرىقى كۈچلۈك، بۇلغاش دەرىجىسى يۇقىرى دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك.

4. دورا مىقدارى، قويۇقلۇقىنى خالىغانچە ئاشۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك.

5. كۆكتات، مېۋىلەرگە دورا ئىشلىتىپ 7-10 كۈن ئىچىدە يىغماسلىق.

كۆكتات، مېۋىلەرنى ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. پالەك، كەرەپشە، تۇرۇپ، سەۋزە قاتارلىق دېھقانچىلىق دورىسى نىسبەتەن ئاز ئىشلىتىلىدىغان كۆكتاتلارنى 2-3 قېتىم پاكىز يۇيىۋېتىپ، ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك.

2. يېسسىۋېلەك، كاللەك يېسسىۋېلەك قاتارلىق كۆكتاتلارنى 3-4 پارچە قىلىپ، سۇغا بىر سائەتتىن ئارتۇق چىلاپ قويۇپ، پاكىز چايقىۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك.

3. شوخلا، ئالما، ئامۇت، ئۆرۈك، شاپتۇل قاتارلىقلارنى ئىشقارلىق سۇغا 5-10 مىنۇت چىلاپ قويۇپ، ئاندىن پاكىز سۇدا 3-4 قېتىم چايقاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك، چۈنكى دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىشقارلىق سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ.