باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىك كۆكتاتلىرىنى پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقى بىلەن ئوغۇتلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-10-20 19:38:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ئەسلى سۇيۇقلۇقنى چوقۇم تولۇق ئېچىتىپ ئىشلىتىش كېرەك. تولۇق ئېچىمىسا ياكى ئېچىش دەرىجىسى تەلەپكە يەتمىسە، كۆكتات يىلتىزىنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ. شۇڭا، پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىنى ساقلاش كۆلچىكىدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تۇرغۇزۇپ ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك.

سۇدا تەڭشەپ ئىشلىتىش كېرەك. پارنىكتا كۆپىنچە پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئېقىتىپ ئوغۇتلاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، بۇ ئۇسۇل ئاددىي، مەشغۇلاتى ئاسان بولسىمۇ، لېكىن مايسا كۆيۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ، باش ئەتىيازدا پارنىك تېمپېراتۇرىسى تەدرىجىي ئۆرلىگەچكە، ئوغۇتلاش جەريانىدا بۇ ئەھۋال ئاسان يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، ئوغۇتلاشتىن 4-5 كۈن ئىلگىرى پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىنى ئىككى ئۈلۈش سۇدا تەڭشەپ، ئوغۇتلاش ۋاقتى كەلگەندە ئاندىن سۇدا ئېقىتىپ ئوغۇتلاش كېرەك.

بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. پارنىك تۇپرىقى يۈزىدە پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى بەك يۇقىرى بولسا، زىرائەتلەردە سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئوغۇتلاش مىقدارى بەك كۆپ بولماسلىق كېرەك. بىر مو پارنىكنى ھەر قېتىمدا 4-5 كۇب مېتىر تەڭشەلگەن سۇيۇقلۇق بىلەن ئوغۇتلاپ، 20 كۇب مېتىر سۇ بىلەن سۇغارسا مۇۋاپىق.

ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. سۇدا ئېقىتىپ ئوغۇتلىغاندىن كېيىن، ھىم، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى تولۇق ئېچىمىغان ئورگانىك ماددىلار ئاممىياك گازى قويۇپ بېرىپ، ئاممىياك زىيىنى ياكى يىلتىز كۆيۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئوغۇتلىغاندىن كېيىن ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىياك گازىنى چىقىرىۋېتىش كېرەك.

كۆيدۈرگۈچى ئىشقارلىق پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىدىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. بەزى باقمىچىلىق فېرمىلىرى كۆيدۈرگۈچى ئىشقارنى پاكلاشقا ئىشلىتىدۇ. بۇنىڭدا بىرقىسىم قالدۇق ئىشقار قىغ بىلەن قوشۇلۇپ پاتقاق گازى كۆلچىكىگە كىرىدۇ. بۇنداق پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوغۇت ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ ھەمدە تۇپراق ئاسانلا شورلىشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، پاتقاق گازى كۆلچىكى سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى PH قەغىزىدە تەكشۈرۈپ، كۆيدۈرگۈچى ئىشقارلىق سۇيۇقلۇق ئىشلىتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.