باش بەت>باغۋەنچىلىك

تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەزگىلىدە دېھقانچىلىق دورىسىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-08 17:11:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

قىش ۋە باش ئەتىيازدىكى تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن مەزگىلدە زىرائەتلەردىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتنى يوقىتىشتا، دېھقانچىلىق دورىسىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش لازىم.

1. دېھقانچىلىق دورىسىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك. بەزى دېھقانچىلىق دورىلىرى (مەسىلەن، روگور ‹لېگو乐果› قاتارلىقلار) تېمپېراتۇرىنىڭ ئانچە چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، تېمپېراتۇرا 15تىن تۆۋەن ۋاقىتتىمۇ نورمال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ. فلولىمات (ياڭخۇالېگو 氧化乐果) بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان فېنۋالېرات (شياميېجۈجى 夏灭菊酯) قاتارلىق دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا (15) شارائىتىدا زەھەرلىك خۇسۇسىيىتى يۇقىرى تېمپېراتۇرا (25) شارائىتىدىكىگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا، قىش ۋە باش ئەتىيازدىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەزگىلىدە زىرائەتلەردىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوقىتىشتا، تېمپېراتۇرىنىڭ ئانچە تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان دېھقانچىلىق دورىسىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.

2. دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەزگىلىدە دېھقانچىلىق دورىسىنى كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ ئىشلىتىش، دورىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇش، لېكىن بىخەتەر قويۇقلۇق دەرىجىسى (دورا زىيىنى كېلىپ  چىقىدىغان مىقدار)دىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

3. دورا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەزگىلىدە پارنىك زىرائەتلىرىدىكى كېسەل ۋە زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، دېھقانچىلىق دورىسىنى ئىمكانقەدەر تۇمانلىتىش ياكى توزىتىش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىش؛ تۇمانلاتقاندا قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، پارنىڭ ئىچى نەملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

4. بىخەتەر دەۋرلىنىش ئارىلىقىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش كېرەك. تۆۋەن تېمپېراتۇرا مەزگىلىدە دېھقانچىلىق دورىسىنىڭ ئېرىش سۈرئىتى ئاستا، زىرائەتلەردە دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقىنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا زىرائەتكە ئاخىرقى قېتىم دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتكەندىن يىغىۋېلىشقىچە بولغان بىخەتەر دەۋرلىنىش ئارىلىقىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.