باش بەت>باغۋەنچىلىك

مېۋىلىك دەرەخ يوپۇرمىقىغا ئوغۇت پۈركۈش تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-08 18:13:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ئوغۇت پۈركۈشنىڭ مۇۋاپىق مەزگىلى

پۈتكۈل ئۆسۈش مەزگىلىدە يوپۇرماققا ئوغۇت پۈركۈسە بولىدۇ. لېكىن، دەرەخ مەلۇم ئوغۇتقا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقىتتا پۈركۈسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئوغۇت تۈرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەرەخنىڭ ھەرقايسى ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ. بىخلىنىش، يوپۇرماق چىقىرىشتىن تارتىپ چېچەكلەشنىڭ ئالدى-كەينىدە ئازوتلۇق ئوغۇت پۈركۈسە، چېچەك بىخلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېۋىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ چېچەك مەزگىلىدە %0.2-%0.4لىك بورىك كىسلاتا (پېڭسۈەن 硼酸) ئارىلاشما ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە، مېۋىلەش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؛ يېڭى نوتىلار ئاينىش مەزگىلىدىن مېۋىسى يوغىناش مەزگىلىگىچە %2-%3لىك كالتسىي سۇپېرفوسفات (گولىنسۈەنگەي 过磷酸钙) سۈيى (چىلاپ سۈزگەن)نى پۈركۈسە، مېۋىنىڭ قەنت تەركىبىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؛ مېۋە يوغىناش مەزگىلىدە %0.2-%0.3لىك كالىي دى ھىدرو فوسفات (لىنسۈەنئېرچىڭجيا 磷酸二氢钾) ئېرىتمىسى پۈركۈسە، مېۋىنى تېز يوغىنىتىپ، سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، مېۋە تۆكۈلۈشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئوغۇتلاش پەيتى ۋە ئۇسۇلى

يوپۇرماق ئوغۇتىنىڭ ئۈنۈمى شامال ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئادەتتە، شامال چىقمىغان، ھاۋا تۇتۇق كۈنى پۈركۈش، يازدا ئەتىگەن سائەت 10دىن ئىلگىرى ياكى چۈشتىن كېيىن تۆتتىن كېيىن پۈركۈش كېرەك.

ئوغۇتنىڭ قويۇقلۇقى مۇۋاپىق بولۇش

يوپۇرماق ئوغۇتىنىڭ قويۇقلۇقىنى دەرەخنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى، ھاۋا رايى شارائىتى ۋە دەرەخ تۈرىگە ئاساسەن بەلگىلەش، ياش دەرەخلەرگە سۇيۇقراق، يېتىلگەن دەرەخلەرگە قويۇقراق تەڭشەش كېرەك.

يوپۇرماققا ئوغۇت پۈركۈش گەرچە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇ پەقەت تۇپراقتىن ئوغۇتلاشنىڭ تولۇقلىمىسى، خالاس.

(جاسارەت ئېزىز تەرجىمىسى)