باش بەت>باغۋەنچىلىك

كېۋەز يوپۇرماق چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-08 18:36:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ماشىنا ئارقىلىق پۈركۈش: تىدىئازۇرون (سەيبېنلۇڭ 噻苯隆) تېگىش ئارقىلىق يوپۇرماق چۈشۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇڭا تەكشى، پۈركۈش ئىنتايىن مۇھىم. ھەر مو يەرگە L30-L50دىن كۆپرەك سۇيۇقلۇق ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى g8 توۋپىسۇ (透皮素) ياكى ھەر مو يەرگە %28لىك ئالكىل. ئېتىل سۇلفونات (ۋەنجى يىجى خۇاڭسۈەنيەن 烷基乙基磺酸盐)دىن g50 قوشۇپ پۈركۈش كېرەك.

ئايروپىلان ئارقىلىق پۈركۈش: ئايروپىلان ئارقىلىق پۈركۈگەندە دورا سۇيۇقلۇقى ئاز كېتىدۇ، دورا تەكشى، تولۇق پۈركۈلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇچۇش ئېگىزلىكى m5 ئەتراپىدا بولۇش، بېرىپ كېلىپ پۈركۈگەن ئىككى قېتىملىقتا ئازراق ياپسىلاشتۇرۇپ پۈركۈش، لېكىن بەك كۆپ ياپسىلاشتۇرماسلىق، ھەر مو يەرگە kg3-kg5 دورا پۈركۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئايروپىلاندا پۈركۈلمەي قالغان ئېتىز بېشى، چېتى قاتارلىقلارغا ئادەم كۈچى ئارقىلىق تولۇقلاپ پۈركۈش كېرەك.

پۈركۈش ۋاقتى: ئەڭ ياخشىسى سەھەردە شەبنەم چۈشۈپ بولغاندا ياكى كېچىدە نەملىك بىرقەدەر يۇقىرى ۋاقىتتا پۈركۈش كېرەك. تېمپېراتۇرا تەلىپى قاتتىق شارائىتتا يوپۇرماق چۈشۈرۈشكە ياردەم بەرگۈچى دورا ئارىلاشتۇرسا، يوپۇرماق چۈشۈرۈش ئۈنۈمى ياخشىراق بولىدۇ.

كونكرېت پۈركۈش ۋاقتىنى ھاۋا رايى ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىش، ئەڭ ياخشىسى پۈركۈشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى 3-5 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 12تىن يۇقىرى بولغان، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 18تىن يۇقىرى بولغان ۋاقىتتا پۈركۈش، ئىمكانقەدەر يەتتە كۈن ئىچىدە ھۆل-يېغىن بولىدىغان كۈندە پۈركۈمەسلىك كېرەك.