باش بەت>باغۋەنچىلىك

ﭘﺎرﻧﯩﻚ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘرۇق ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎﻳﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﯘتلاﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 11:32:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ﻧﯚۋەﺗﺘﻪ، ﭘﺎرﻧﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، پارنىكقا ﻗﯘرۇق ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎيىقىنى چېچىپ ﺋﻮﻏﯘﺗﻠﯩﺴﺎ، ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎﻳﯩﻘﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺟﻪرﻳﺎﻧﯩﺪا ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎك ﮔﺎزﯨﻨﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﻜﯩﻠﻰ بولسىمۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭘﺎرﻧﯩﻚ ﺗﯧﻤﭙﯧﺮاﺗﯘرﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺳﯘﻏﺎرﻏﺎﻧﺪا ﺗﯘﭘﺮاق ﻳﯜزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎﻳﯩﻘﻰ ﻣﯩﻜﺮو ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰملارﻧﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﺋﯧﭽﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎك ﮔﺎزى ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎك ﮔﺎزﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﺎۋا ﻳﻮﭘﯘرﻣﯩﻘﻰ ﺳﺎرﻏﯩﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ. ﺗﯘﭘﺮاق ﻳﯜزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎﻳﯩﻘﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﻗﯘرۇﻳﺪۇ، ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﮕﻪﭼﻜﻪ، ﻣﯩﻜﺮو ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﺰىملارﻧﯩﯔ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰلاپ، ﻣﺎﻳﺎق ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎپ، ﮬﺎۋادﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎك ﮔﺎزﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﯩﻤﯘ ﺗﻪدرﯨﺠﯩﻲ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪﻳﺪۇ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯘﻏﺎرﻏﺎﻧﺪا ﻣﺎﻳﺎﻗﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ، ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ، ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎك ﮔﺎزى ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﻰ زﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪۇ.

ﺷﯘﯕﺎ، ﮬﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯧﭽﯩﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎﻳﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎرﻧﯩﻜﻘﺎ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺋﻮﻏﯘﺗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮەك. ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﭼﺎغلاش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪا ﻣﺎﻳﺎﻗﻨﻰ ﺗﯘﭘﺮاﻗﻘﺎ ﻛﯚﻣﯩﯟﯦﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪا ﺗﻮﺧﯘ ﻣﺎﻳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپلا ﻗﺎﻟﻤﺎي، ﻳﻪﻧﻪ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﻣﻤﯩﻴﺎك ﮔﺎزى ﺗﯘﭘﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯘدا ﺋﯧﺮﯨﭗ، زﯨﺮاﺋﻪﺗﻠﻪر ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎلاﻳﺪۇ.