باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىكتا يېشىل گۈلكەرەم ئۆستۈرۈش

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 12:01:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

يەر تەييارلاپ تاختىلاش: تىكىشتىن 10-15 كۈن ئىلگىرى ھەر مونى kg6000-kg5000 تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت، kg50 كالتسىي سۇپېر فوسفات  (گولىنسۈەنگەي 过磷酸钙)، يەنە kg7 ئوت-چۆپ كۈلى ياكى كالىي خىلورىد (لۈخۇاجيا 氯化钾) بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك. ئوغۇتلاپ بولۇپ cm30 چوڭقۇرلۇقتا ئاغدۇرۇپ، ئاندىن تىرنىلاپ تۈزلەپ تاختىلاش كېرەك. تەكشى تاختىلاپ چۆنەك تارتىپ تىكىشتە ياكى كىچىك ئېگىز تاختىلىغاندا ھەر مونى يەنە kg25-kg30 بىرىكمە ئوغۇت، kg20-kg25 ئۇرېيە بىلەن ئوغۇتلاپ، تۇپراققا تەكشى ئارىلاشتۇرۇش كېرەك.

كىچىك ئېگىز تاختىلىغاندا كەڭلىكىنى cm80، ئېگىزلىكىنى cm15، چۆنەك كەڭلىكىنى cm30 قىلىش، تاختىغا يوپۇق يېپىش كېرەك. ئاندىن قۇر ئارىلىقىنى cm50، تۈپ ئارىلىقىنى cm40 قىلىپ تىكىش كېرەك.

تەكشى تاختىلىغاندا كەڭلىكىنى cm120 قىلىپ، تۈپ، قۇر ئارىلىقىنى cm45دىن قىلىپ تىكىش كېرەك. ئۇسۇلى: قىر ئېلىش، قىر ئارىلىقىنى cm45 قىلىش، قىرغا يوپۇق يېپىپ، ئاندىن تۈپ ئارىلىقىنى cm45 قىلىپ قىرغا تىكىش كېرەك. ھەر موغا 2400-2600 تۈپ تىكسە مۇۋاپىق. تىكىپ بولۇپ ۋاقتىدا سۇغىرىش كېرەك.

سۇغىرىش: تىككەندە تىكىش سۈيىنى بېرىش كېرەك، تىكىش سۈيى يېتەرلىك بولسا مايسا تۇتقۇزۇش سۈيىنى بەرمىسىمۇ بولىدۇ. ئوتتۇرىنى چاغلاشنى كۈچەيتىپ، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چېچەك بىخى بۆلۈنۈشنىڭ ئالدى-كەينى ۋە چېچەك شارى يوغىناش مەزگىلىدە سۇغا كۆپ ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بەك نەم، بەك قۇرغاق بولۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئوغۇتلاش: گۈلكەرەمنىڭ ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياجى بىرقەدەر كۈچلۈك. ئوغۇتسىز قالغان تۈپ ياخشى ئۆسمەيدۇ، چېچەك شارى كىچىك، سۈپىتى ناچار بولۇپ قالىدۇ. ئوغۇتلاشتا «دەسلەپتە يېتەرلىك ئوغۇتلاش، ئوتتۇرىدا تېزگىنلەش، ئاخىرىدا كۆپ ئوغۇتلاش» پىرىنسىپىنى ئىگىلەش كېرەك. يەنى، دەسلەپتە ئازوتلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاپ، ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئوتتۇرا مەزگىلدە ئۆسۈشىنى تىزگىنلەش؛ چېچەك شارى ئۆسۈش مەزگىلىدە فوسفور، كالىيلىق ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش كېرەك. نۇقتىلىق ئۈچ قېتىم ئوغۇتلاش:

بىرىنچى قېتىم: مايسا 10-12 يوپۇرماق (20-30 كۈنلۈك) بولغاندا ھەر مونى kg10 ئۇرېيە، kg5 كالتسىي سۇپېر فوسفات، كالىي خىلورىد بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك.

ئىككىنچى قېتىم: 17-20 يوپۇرماق بولغاندا، چېچەك بىخى بۆلۈنۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە ھەر مونى kg7 ئۇرېيە، kg5دىن كالتسىي سۇپېر فوسفات، كالىي خىلورىد بىلەن ئوغۇتلاش كېرەك.

ئۈچىنچى قېتىم: غۇنچە كۆرۈنگەندە kg10 كالتسىي سۇپېر فوسفات، kg5 ئۇرېيە، كالىي خىلورىد بىلەن ئوغۇتلاش، غۇنچىلىغاندىن كېيىن يەنە %0.2لىك بوراكس (پېڭشا 硼砂) ۋە %0.5لىك ئۇرېيە ئېرىتمىسىنى پۈركۈش كېرەك.

تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش: قىش، ئەتىيازدا ئۆستۈرگەندە تىككەندىن كېيىن تېمپېراتۇرا ساقلاشقا دىققەت قىلىش، ئۆسۈشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر يۇقىرى بولغاچقا، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بۇنىڭ پىرىنسىپى: تىككەندىن تارتىپ ئەي بولغىچە بىرقەدەر يۇقىرى تېمپېراتۇرا تەلەپ قىلىدۇ، نەملىك ۋە ئىسسىقلىق ساقلاپ، تۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۈندۈزى تېمپېراتۇرىنى 20-25تا، كېچىسى 15تا تىزگىنلىسە مۇۋاپىق. مايسا ئەي بولغاندىن كېيىن ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش، كۈندۈزى 18-22 ئەتراپىدا تىزگىنلەش كېرەك. يوپۇرمىقى ئۆسۈش مەزگىلىدە 15-20تا ساقلاش كېرەك. چېچەك شارى شەكىللىنىپ يېتىلىش مەزگىلىدە بىرقەدەر سالقىن مۇھىتنى تەلەپ قىلىدۇ. كۈندۈزى تېمپېراتۇرىنى 15-18تا تىزگىنلەش كېرەك. تېمپېراتۇرىنى ئاساسلىقى ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق تەڭشەش كېرەك.