باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىك مۇچى كىندىك چىرىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 16:26:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ئالامىتى: كىندىك چىرىش كېسىلى فىزىيولوگىيەلىك كېسەل بولۇپ، مۇچنىڭ كىندىكى ئولتۇرۇشۇپ قوڭۇر بولۇپ قالىدۇ ياكى يان تەرىپىدىمۇ مەڭلەشكەندەك كېسەل دېغى پەيدا بولىدۇ.

زىيىنى: كىندىك چىرىش كېسىلى يۇقۇملۇق بولمىسىمۇ، لېكىن مۇچنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ۋە سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، تاۋارلىق قىممىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ۋاقتىدا يوقاتمىسا ئېغىر زىيان كېلىپ چىقىدۇ.

سەۋەبى: ئاساسلىقى تۇپراقتا كالتسىي كەملىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇپراقنىڭ ئازوت تەركىبى يۇقىرى بولسا، تۈپ بەك بولۇق ئۆسۈپ، تۇپراقنىڭ كالتسىي تەركىبىدە نىسپىي كەملىك كېلىپ چىقىپ، مېۋىسى يېتەرلىك كالتسىيغا ئېرىشەلمەي، كىندىك قىسمىنىڭ ئايلىنىش سىستېمىسىدا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىپ، كىندىكى سۇسىزلىنىپ، كىندىك چىرىش كېسىلى كۆرۈلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: ئالدى بىلەن كىندىكى چىرىگەن مۇچنى ئۈزىۋېتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇچنىڭ ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش كېرەك. %1لىك كالتسىي سۇپېر فوسفات (گولىنسۈەنگەي 过磷酸钙)، ئاندىن %0.5لىك كالتسىي خىلورىد (لۈخۇاگەي 氯化钙) ۋە %0.5لىك كالتسىي نىترات (شياۋسۈەنگەي 硝酸钙) پۈركۈسە، كىندىك چىرىش كېسىلى پەيدا بولۇشنى ئازايتقىلى بولىدۇ. بەش كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.