باش بەت>باغۋەنچىلىك

تەرخەمەك ئۇچى غۇژمەكلىشىش سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 16:29:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

سەۋەبى

تۆۋەن تېمپېراتۇرا: تىككەندىن تارتىپ چېچەكلەپ خەمەكلىگىچە تېمپېراتۇرا ئۇدا تۆۋەن بولسا، تۈپنىڭ ۋېگېتاتىپلىق ئۆسۈشى توسالغۇغا ئۇچراپ، جىنسىي ئۆسۈشى تېزلىشىپ، ئاسانلا غۇژمەكلىشىپ ئۇچىنى چېچەك قاپلايدۇ.

يىلتىزى سېسىش: پارنىك ئىچى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، قۇرغاق بولسا، بولۇپمۇ تۇپراق قۇرغاق بولسا، ئوغۇت بەك كۆپ، سۇ يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يىلتىزى كۆيۈش كېلىپ چىقىدۇ. تۇپراق نەملىكى بەك يۇقىرى، لېكىن ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە تۇپراق تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك بولسا يىلتىزى سېسىيدۇ، بۇنىڭدىمۇ ئاسانلا ئۇچى غۇژمەكلىشىدۇ.

سۇ، ئوغۇت تەڭپۇڭ بولماسلىق: تۇپراق شارائىتى مۇۋاپىق بولماسلىق، يىلتىز سىستېمىسىنىڭ ھەرىكىتى ئاجىز بولۇشتىن سۇ، ئوغۇت سۈمۈرۈشى ناچارلىشىپ، فىزىيولوگىيەلىك ئوغۇت كەملىك كۆرۈلۈپ، ئۇچى غۇژمەكلىشىپ، چېچەك قاپلاش كۆرۈلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى

تېمپېراتۇرىنى مۇۋاپىق تەڭشەش، مۇۋاپىق سۇغىرىش: باستۇرۇپ سۇغىرىشتىن تۇپراق تېمپېراتۇرىسىغا تەسىر يېتىپ، يىلتىز سېسىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ پەرۋىشنى كۈچەيتىش، ئۇچى غۇژمەكلەشكەن تۈپ كۆرۈلسە، خەمەك ۋە ئانىلىق چېچىكىنى مۇۋاپىق ئۈزىۋېتىش ھەمدە كالىي دى ھىدرو فوسفات (لىنسۈەن ئېرچىڭجيا 磷酸二氢钾) نىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش كېرەك. تېمپېراتۇرا تۆۋەن بولۇشتىن ئۇچى غۇژمەكلىشىش كۆرۈلسە، شىبىخۇ (施碧护) غا راپىن (يۈنتەيسۇ 芸薹素) قاتارلىق ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشەش دورىسى قوشۇپ پۈركۈش ئارقىلىق تۈپنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىپ، يىلتىز سىستېمىسى ۋە تۈپنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.