باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىك توغىچىنىڭ بىخلانغاندىن كېيىنكى پەرۋىشى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 17:33:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

سۇلياۋ يوپۇق يېپىش ۋە ئېلىۋېتىش

چېچەكلەشتىن بۇرۇن سۇلياۋ يوپۇق يېپىش نەملىكنى تىزگىنلەشتىكى ئاساسلىق تەدبىر بولۇپ، سۇلياۋ يوپۇقنى توغاچ چېچەكلەشتىن بۇرۇن يېپىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق مەقسەت پارنىك ئىچىدىكى ھاۋانىڭ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىپ، توغاچ چېچىكى چېڭىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىش ئۈچۈندۇر. بۇنىڭغا ئاق يوپۇق ياكى قارا يوپۇق ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ، ئۈنۈمى ئاساسەن ئوخشاش. پەرقى شۇكى، قارا يوپۇق ياپسا، ياۋا ئوت-چۆپ ئۈنمەيدۇ. يوپۇقنى توغاچنىڭ ئۈچكىسى قېتىش مەزگىلىدە ئېلىۋەتسە بولىدۇ. توغاچنىڭ ئۈچكىسى قاتقاندىن كېيىن، ئوغۇتلاپ سۇغارغاندا يوپۇقنى ئېلىۋېتىپ، كېيىن قايتا ياپمىسىمۇ بولىدۇ.

چاڭلاشتۇرۇش

دەسلەپتە چېچەكلەش مەزگىلىدىن باشلاپ پەي سۈپۈرگە بىلەن ئېچىلغان چېچەكنى يەڭگىل قېقىپ قويسا، ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، ئاتىلىقتىكى گۈل چېڭى ھاۋاغا تارقىلىپ ئانىلىق تۇمشۇقىغا كەلگەندە چاڭلىشىدۇ، توغاچنى كۈندە بىر قېتىمدىن تاكى چېچەك تۆكۈلگىچە چاڭلاشتۇرۇش كېرەك.

مېۋە شالاڭلىتىش

مېۋىنى شالاڭلىتىشتىكى مۇھىم ھالقا مېۋە قالدۇرۇش مىقدارىنى بېكىتىش بولۇپ، قالدۇرۇلىدىغان مېۋە مىقدارى كۆپ بولسا، مەھسۇلاتى يۇقىرى، مېۋە سۈپىتى تۆۋەن، سېتىلىش باھاسى ئەرزان بولىدۇ. مېۋە شالاڭلاتقاندا شاخنىڭ سانىغا قاراپ مېۋە قالدۇرۇلىدۇ، ئادەتتە چاتىغان ئەھۋالدا ھەر بىر شاختا تەخمىنەن kg0.5 مېۋە ئالغۇدەك غورا قالدۇرسا بولىدۇ، ئۇزۇنراق شاختا مېۋىنى سەل كۆپرەك قالدۇرۇش، قىسقا شاختا ئازراق قالدۇرۇش كېرەك. مېۋە شالاڭلاتقاندا قاتتىق، كىچىك، غەيرىي شەكىللىك، كېسەل، ھاشارات زىيىنىغا ئۇچرىغان مېۋىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك.

دەرەخ پەرۋىشى

توغاچ بىخلانغاندىن باشلاپ دەرەخ پەرۋىشىنى باشلاش، ئاساسلىق بىخنى ئېلىش ۋە ئۈستىدىكى تىك شاخنى تىزگىنلەش كېرەك. دەرەخ ئۈستىدىكى نوتىلىشى كۈچلۈك بىخلارنى ئېلىۋېتىپ، بەك بالدۇر توم شاخ چىقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شاخ مۇۋاپىق ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەندە تىك شاخنى ۋاقتىدا تىزگىنلەش لازىم. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت دەرەخ تاجىسىنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇسۇلى: دەرەخ تاجىسىنىڭ ئۈستى كۈچلۈك، ئاستى ئاجىز بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، دەرەخ ئۈستىدىكى تىك شاخنى تولغاپ، ئۆسۈش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆسۈشىنى ئاستىلىتىش كېرەك ياكى بولمىسا ئۆسۈشى بەك كۈچلۈك شاخنىڭ مەركىزىنى ئېلىۋەتسە (cm10 شاخنى قالدۇرۇپ قالغىنىنى كېسىۋېتىش)، ئۈستى قىسمى بەك ئۆسۈپ كېتىشنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

ئوغۇتلاش

ئەسلىھەلىك توغاچنىڭ ئۈچكىسى قېتىپ بولغاندىن كېيىن ئوغۇتلاش كېرەك. ئاساسلىقى خىمىيەلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، ئازوت، فوسفور، كالىي ئوغۇتىنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئوغۇتلاش مىقدارى توغاچنىڭ مۆلچەرلەنگەن مەھسۇلاتىنىڭ %2.5ىچىلىك بولۇشى كېرەك. ئۇسۇلى: توغاچ دەرىخىنىڭ قۇر ئارىسىغا cm10 چوڭقۇرلۇقتا ئورەك كولاپ، ئوغۇتلاپ بولغاندىن كېيىن توپا بىلەن كۆمۈش ھەم سۇغىرىش كېرەك.

زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش

پارنىكتا تۆۋەندىكىدە بىر قانچە خىل ھاشارات زىيىنى كۆرۈلىدۇ:

 توغاچنىڭ بىخلىنىش مەزگىلى كۆكپىتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىل بولۇپ، %10لىك ئىمىداكىلوپرىد (بىچوڭلىن 吡虫啉)نىڭ 3000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈسە، بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەم يوقاتقىلى بولىدۇ.

كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلى ئاساسەن پارنىكنىڭ نەملىكى بەك يۇقىرى بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، بۇ كېسەل كۆرۈلگەندە پارنىكنىڭ نەملىكىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە %0.05لىك لۈتەيباۋ (绿泰宝 بىيولوگىيەلىك دېھقانچىلىق دورىسى) سۇيۇق دورىسىنىڭ 600 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى پۈركۈش ئارقىلىق، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش كېرەك.