باش بەت>باغۋەنچىلىك

شوخلا غول يېرىلىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 17:57:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

شوخلا غول يېرىلىش كېسىلى يەنە شوخلا «تۈڭلۈك» غول كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تۈپنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، غول يېرىلغان ئورۇندىن سۇنۇپ كېتىدۇ. بۇ كېسەل ئوچۇقچىلىققا ۋە پارنىكقا تېرىلغان شوخلىنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىقى يۇقىرى تېمپېراتۇرا مەزگىلىدىكى شوخلىدا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، كۆپىنچە شوخلا مايسىسى تۈپلىنىپ 20-30 كۈندىن كېيىن چېچەك رېتىنىڭ يېنىدا پەيدا بولىدۇ. دەسلەپتە غولنىڭ بىر قىسمى قۇرۇپ قارىداپ، 7-14 كۈندىن كېيىن غولىدا بىنورماللىق كۆرۈلۈپ، بوغۇم ئارىلىقىدا تىك ئويمان ئېرىقچە پەيدا بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي تۆشۈككە ئۆزگىرىدۇ. كېسەل يېنىك چاغدا پەقەت تىك ئېرىقچە ياكى تۈز، Y شەكىللىك يېرىق پەيدا بولىدۇ. كېسەل ئېغىرلىغاندا تىك ئېرىقچە چوڭقۇر تۆشۈككە ئۆزگىرىپ، غول تۈڭلۈككە ئوخشاش يېرىلىدۇ، بۇ خىل ئالامەتلەر پەقەت ئاساسىي شاختىلا كۆرۈلۈپ قالماي، يەنە قولتۇق بىختىمۇ يۈز بېرىدۇ. ئەگەر، شوخلا غولى يېرىلسا، يېرىلغان ئورۇندىكى بوغۇم ئارىلىقى قىسقىراپ، يوپۇرماق ئۇدۇل ئۆسۈش، چېچەك ئاجىز بولۇپ قېلىش، ياخشى مېۋىلىيەلمەسلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

كېسەل سەۋەبى

بۇ كېسەل ئاساسلىقى شوخلا مايسىسى تۈپلىنىپ ئەي بولغاندىن كېيىن، تېمپېراتۇرا يۇقىرى، سۇغىرىش يېتەرسىز بولۇش، ئازوت ئوغۇتى بىلەن كۆپ ئوغۇتلىۋېتىپ، كالتسىي، بورنىڭ سۈمۈرۈلۈشى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن يۇمران مايسىسى ياكى غولى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش تەدبىرى

ئوغۇتنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش، ئازوت، فوسفور، كالىي ئوغۇتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش، ئازوت ئوغۇتى بىلەن بەك كۆپ ئوغۇتلىماسلىق، كالتسىي، بور قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلىق ئوغۇتنى ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. تۇپراق قۇرغاقلاشقاندا دەرھال سۇغىرىش، لېكىن بەك باستۇرۇپ سۇغارماسلىق كېرەك. شوخلىنى پارنىكتا يازدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆستۈرگەندە، كونا سۇلياۋ يوپۇقنى ئىشلىتىپ كۈن نۇرى چۈشۈشنى توسۇش ئارقىلىق تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، قارا رەڭلىك سايىۋەن تور ئىشلەتمەسلىك كېرەك. شوخلىدا غول يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يان شاخنى ئاساسىي شاخ قىلىپ يېتىشتۈرسە، يەنىلا چېچەكلەپ مېۋىلەيدۇ.