باش بەت>باغۋەنچىلىك

كۆكتات يۇقۇملۇق كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 17:57:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

كۆكتات يۇقۇملۇق كېسەللىرى ئىچىدە زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەل كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا باكتېرىيەلىك كېسەللەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. زەمبۇرۇغلۇق كېسەل، باكتېرىيەلىك كېسەل، ۋىرۇسلۇق كېسەل ۋە بەزى يۇقۇمسىز كېسەللەرنىڭ ئالامىتى ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، پەرقلەندۈرۈش تەسرەك. كۆكتات كېسەللىرىنى توغرا پەرقلەندۈرۈش ۋە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:

زەمبۇرۇغلۇق كېسەل

كۆكتاتلاردا زەمبۇرۇغلۇق كېسەل كۆرۈلگەندە داغ، سولىشىش، شەكلى ئۆزگىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، لېكىن باكتېرىيەلىك كېسەلدە يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن باشقا، يەنە كېسەل پەيدا بولغان ئورۇندا ئۆمۈچۈكسىمان ياكى تورسىمان زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى شەكىللىنىدۇ، بەزىلىرى تېخى زەمبۇرۇغ تۈگۈنچىسىگە ئوخشاش زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىگە ئۆزگىرىدۇ. كۆكتاتنىڭ كېسەل پەيدا بولغان قىسمىنىڭ سىرتقى يۈزى پاختىلىشىپ بولغان، بۇ زەمبۇرۇغلۇق كېسەلنى پەرقلەندۈرىدىغان مۇھىم بەلگە ھېسابلىنىدۇ. زەمبۇرۇغلۇق كېسەلنىڭ تۈرى كۆپ، مەسىلەن، كۆكتات قىروسىمان پاختىلىشىش كېسىلى، ئاق توزان كېسىلى، كۈلرەڭ پاختىلىشىش كېسىلى، ۋابا، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى قاتارلىقلار.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: ئادەتتە، %72.2لىك پروپيونامىك (پۇلىكې 普力克) سۇيۇق دورىسى، 15لىك ترادىمېفون (فېنشيۇنىڭ 粉锈宁) نەملىنىشچان پاراشوكى، 50لىك پروسىمىدون (سۇكېلىڭ 速克灵) پاراشوكى، %64لىك مانكوزېپ (دۇفەن 毒钒) نەملىنىشچان پاراشوكى، ٪50 لىك باۋىستىن (دوجۈنلىڭ 多菌灵) نەملىنىشچان پاراشوكى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىپ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش كېرەك.

باكتېرىيەلىك كېسەل

باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆكتات كېسەللىرىنىڭ داغ، يوللۇق داغ، يارا، سولىشىش ۋە سېسىش قاتارلىق تىپلىرى بار. كېسەل دېغىنىڭ كۆپىنچىسى جىددىي خاراكتېرلىك نېكروزلۇق داغ بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. كېسەل دېغى دەسلەپكى مەزگىلدە سۈزۈك سۇغا يېرىم چىلانغاندەك ھالەتتە بولۇپ، چۆرىسى مايغا چىلانغاندەك كۆرۈنىدۇ، يېشىللىقىنى يوقىتىپ سارغايغان دۇغ ھالقا پەيدا بولىدۇ، نەم شارائىتتا كېسەل پەيدا بولغان قىسىمدىن مىكروب يېلىمى ئېقىپ، كېسەل ئالامىتى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلىنىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشتا، %72لىك دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سىترېپتومىتسىن (ليەنمېيسۇ 链霉素) نەملىنىشچان پاراشوكى، %77لىك كېشادې (可杀得) نەملىنىشچان پاراشوكى، ٪25لىك دېلوئەنتوڭ (得络氨铜) سۇيۇق دورىسى قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

ۋىرۇسلۇق كېسەل

كۆكتاتلاردا كۆرۈلىدىغان ۋىرۇسلۇق كېسەل پۈتۈن تۈپ خاراكتېرلىك سوزۇلما كېسەل بولۇپ، ئاساسلىق يوپۇرمىقى يېشىللىقىنى يوقىتىش، ھالقىسىمان داغ، قۇرۇق داغ پەيدا بولۇش، ئۆسۈشى توختاش ۋە يوپۇرمىقى قورۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ۋىرۇسلۇق كېسەل بىلەن باكتېرىيەلىك كېسەل ۋە زەمبۇرۇغلۇق كېسەلنى پەرقلەندۈرۈش تەسرەك. ۋىرۇسلۇق كېسەلنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى كېسەل دېغى تەدرىجىي كۆكتات يۈزىگە تارقىلىپ يامرايدۇ، كېسەل پەيدا بولغان تۈپلەردە بولسا كېسەل دەسلەپ ئۇچىدىن باشلىنىپ، تەدرىجىي تۈپنىڭ باشقا قىسىملىرىغا يۇقىدۇ. ۋىرۇسلۇق كېسەل ئاساسلىقى ھاشارات ۋە ئۇلاش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، قۇرغاق، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا ئېغىرلىشىدۇ، لېكىن يۇقۇمسىز تىپىدا كېسەل بىرقەدەر تەكشى پەيدا بولىدۇ، داغدىن پۈتۈن كۆكتات يوپۇرماقلىرىغا تارقىلىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. بۇ كېسەل كۆرۈلگەندە كۆپىنچە پۈتۈن تۈپ بويىچە پەيدا بولۇپ، تۈپ ئارىسىدا يۇقمايدۇ، كېسەلنىڭ پەيدا بولۇشى ناچار مۇھىت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: ئادەتتە، ٪15لىك جىبىڭلىڭ (植病灵) ئېمۇلسىيەسى، ٪20لىك ۋىرۇس A (بىڭدۇ A 病毒) نەملىنىشچان پاراشوكى، 83 زېڭكاڭجى (83 增抗剂) قاتارلىق دورىلارنى ئىشلىتىپ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش كېرەك.