باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىك كۆكتاتلىقىنى ئەتىيازدا ئوغۇتلاشتا دىققەت قىلىدىغان ھالقىلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 18:11:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:

ئەتىيازلىق ئوغۇتلاش ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىدە پۈتۈن يىللىق ئوغۇتلاشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شۇڭا ئوغۇتلاشتا تۆۋەندىكى ھالقىلارغا دىققەت قىلىش لازىم:

تۇپراقنىڭ ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىنى ئىگىلەش

كونا پارنىكقا چوقۇم ئورگانىك ئوغۇتنى ئاساس قىلىش، ئەڭ ياخشىسى ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك باكتېرىيەلىك ئوغۇتنى يېتەرلىك ئىشلىتىش كېرەك. يېڭى پارنىكقا كۆپىنچە ئاشلىق يېرى كۆكتات يېرىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇنداق تۇپراقنىڭ ئورگانىك ماددا تەركىبى يېتەرلىك ئەمەس، كۆپ مىقدارلىق ئېلېمېنتلاردىن ئازوت، فوسفور، كالىي تەركىبى ئاز، شۇنداقلا دېھقانلار مول ھوسۇل ئېلىشقا ئالدىراپ كۆپ ئوغۇتلايدىغان بولغاچقا، مىنېرال ماددا مىقدارى ئېشىپ، تۇپراقتا ئىككىلەمچى شورلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، يېڭى قۇرۇلغان ئەسلىھەلىك ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلىش كېرەك.

پىدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلار

پىدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلارنى ئوغۇتلاشتا ئادەتتە ئورگانىك ئوغۇت، بىرىكمە ئوغۇت، كالتىسي + ماگنىي+ تۆمۈر + بور + سىنك قاتارلىق مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلىق ئوغۇت ئىشلىتىلىدۇ، ھەر خىل كۆكتاتلارنى ئوغۇتلاش پەرقى چوڭ، لېكىن كالىيلىق ئوغۇت، فوسفورلۇق ئوغۇت، مىكرو مىقدارلىق ئوغۇتنى ئاساس قىلىپ، مايسا تۈپى، مېۋىسىنىڭ يوغىناش ئەھۋالى، تۇپراق شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەڭشەپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىنىدىغان كۆكتاتلار

كۆپ مىقدارلىق ئېلېمېنتلىق ئوغۇتتىن ئازوت ئوغۇتى، مىكرو مىقدارلىق ئوغۇتلاردىن كالتسىي، ماگنىي ئوغۇتىنى ئاساس قىلىش، ئەگەر تۇپراق نىسبەتەن كىسلاتالىق بولسا، نىتراتلىق ئازوتلۇق ئوغۇتنى، ئىشقارلىق بولسا ئاممونىيلىق ئازوتلۇق ئوغۇتنى ئىشلەتسە بولىدۇ. تۇپراق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خىمىيەلىك ئوغۇت ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق ئازايتىپ، ئورگانىك ئوغۇتنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، قوشۇمچە قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى كۆكتاتلارنى سۈپىتى ياخشى ئورگانىك باكتېرىيەلىك ئوغۇت بىلەن خىمىيەلىك ئوغۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا ماسلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش كېرەك. ئادەتتىكى كۆكتاتلارنى تولۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت بىلەن خىمىيەلىك ئوغۇتنى مۇۋاپىق مىقداردا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلىسا بولىدۇ.