باش بەت>باغۋەنچىلىك

پارنىك مۇچىنى سېسىتىدىغان كېسەللەر ۋە ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-09 18:10:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:


مۇچ ۋاباسى

مۇچ ۋاباسى مۇچ مايسا مەزگىلىدىن مېۋىلەشكىچە بولغان مەزگىلدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، مۇچنىڭ چېچىكى، يوپۇرمىقى، مېۋىسىنى تۆكىۋېتىدۇ. مۇچ كۆپىنچە ساپاق قىسمىدىن باشلاپ سېسىيدۇ، سېسىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە تۇتۇق مەڭلەش داغ پەيدا بولۇپ، كېسەللەنگەن قىسمىدا روشەن چېگرا شەكىللىنىدۇ، كېيىن تېزلا قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ يۇمشاپ سېسىيدۇ؛ نەملىك يۇقىرى ۋاقىتتا مۇچنىڭ سىرتقى يۈزىدە ئاق رەڭلىك پاختىلاشقان قەۋەت شەكىللىنىپ، مۇچ قورۇلۇپ قۇرۇپ قالىدۇ، ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، پارنىكنى شامالدىتىش ۋە يورۇقلۇق چۈشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، نەملىكنى ئاشۇرىۋەتمەسلىك، مۇچنى كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆكتاتلار بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، كاۋا-قاپاق تۈرىدىكى، پېدىگەن تۈرىدىكى كۆكتاتلار بىلەن نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىماسلىق؛ %64لىك ساندوفان (شادۇفەن 杀毒矾)نىڭ 50 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %50لىك مانكوزېب (جياشۇاڭلىڭمېڭشىن 甲霜灵锰锌)نىڭ 800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.

يۇمشاپ سېسىش كېسىلى

كېسەل تەگكەن دەسلەپكى مەزگىلدە مۇچ مېۋىسىدە قارامتۇل يېشىل مەڭلەش داغ پەيدا بولۇپ، كېيىن پۈتۈنلەي يۇمشاپ سېسىپ، بەتبۇي پۇرايدۇ، مۇچ مېۋىسىنىڭ پوستى ئاقىرىپ، مېۋىسى سۇسىزلىنىپ تۆكۈلىدۇ ياكى شاختا قۇرۇپ قالىدۇ، باشقا قىسمىدا  كېسەل ئالامىتى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. بۇ باكتېرىيەلىك كېسەل بولۇپ، كېسەل باكتېرىيەسى يامغۇر سۈيى ياكى سۇغىرىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، كېسەل تەگكەندىن كېيىن كېسەل باكتېرىيەسى يەنە تاماكا كۆك قۇرتى ئارقىلىق داۋاملىق تارقىلىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: پارنىك ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، نەملىكنى تىزگىنلەش؛ پارنىك ئەتراپىغا سۇ چىقىرىۋېتىش ئازگىلى كولاپ، يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كېسەلنى يوقىتىشتا %10لىك ئىمىداكلوپرىد (بىچوڭلىن 吡虫啉)نىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %5لىك ئاتابرون (يىتەيباۋ 抑太保)نىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى ئىشلىتىپ، تاماكا كۆك قۇرتىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك. يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن %72لىك دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان سىترېپتومىتسىن (ليەنمېيسۇ 链霉素)نىڭ 4000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %77لىك مىس ھىدروكسىد (كېشادې 可杀得)نىڭ 600-800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 7-10 كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.

كۆيدۈرگە كېسىلى

كۆيدۈرگە كېسىلى مېۋىلەش مەزگىلىدە كۆرۈلىدۇ، مېۋىلەشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە كېسەل بىرقەدەر ئېغىر بولۇپ، مۇچ پىشىشقا ئاز قالغاندا ئاسان يۇقىدۇ. كېسەلنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چۆرىسى قوڭۇر، مەركىزى كۈل رەڭ قوڭۇر مەڭلەشكەن سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك يۇمىلاق داغ پەيدا بولىدۇ، داغ يۈزىدە مەركەزداش ھالقىسىمان داغ بۆرتۈپ چىقىپ، زىچ قارا داغ شەكىللىنىدۇ. پارنىك ھاۋاسى نەملەشكەندە كېسەل دېغى يۈزىدىن قىزىل رەڭلىك يېپىشقاق ماددا تېشىپ چىقىدۇ؛ پارنىك ھاۋاسى قۇرغاقلاشقاندا كېسەل تەگكەن قىسىم قۇرۇپ قورۇلۇپ، مۇچ ئۇرۇقى كۆرۈنۈپ قالىدۇ، كېسەل يوپۇرماققا يۇققاندا دەسلەپتە مەڭلەشكەن يېشىل داغ پەيدا بولۇپ، كېيىن يوپۇرماق چۆرىسى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ، مەركىزىدە سۇس كۈل رەڭلىك كىچىك داغ شەكىللىنىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: مۇچنى تېرىشتىن بۇرۇن ئۇرۇقنى پاكلاش، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىش، مۇچنى بەك زىچ ئۆستۈرمەسلىك، ۋاقتىدا پۇتاپ قېرى يوپۇرماقلارنى ئېلىۋېتىپ، شامال ئۆتۈشۈش ۋە كۈن چۈشۈش شارائىتىنى ياخشىلاش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سۇ چىقىرىۋېتىش ئازگىلى كولاپ، ئېتىزدا سۇ يىغىلىپ قېلىشنىڭ، مۇچ مېۋىسىنى ئاپتاپ چېقىۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. كۆيدۈرگە كېسىلىنى يوقىتىشتا %70لىك مېتىل توپسىن (جياجىتوبۇجىن 甲基托布津)نىڭ 600-800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %75لىك داكونىل (بەيجۈنچىڭ 百菌清)نىڭ 800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 6-7 كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈش كېرەك.

كۈل رەڭ پاختىلىشىش كېسىلى

بۇ كېسەل ئاساسلىق مۇچ چۈشكەن مەزگىلدە كۆرۈلىدىغان بولۇپ، تۈپنىڭ بىرىنچى ئاچا شاختا مۇچ چۈشكەن مەزگىلدە زىيىنى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە مۇچنىڭ ئۈستى قىسمى بىلەن ساپاق قىسمىدا قوڭۇر رەڭلىك كېسەل دېغى پەيدا بولۇپ، كېيىن ئولتۇرۇشۇپ سېسىپ، قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ، مۇچنىڭ سىرتقى يۈزىدە كۈل رەڭ پاختىلاشقان قەۋەت شەكىللىنىدۇ، باشقا قىسمىدا كېسەل ئالامىتى ئاز بولىدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش: پارنىك ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. چۈشتىن بۇرۇن پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى نىسبەتەن يۇقىرى ھالەتتە ساقلاش، پارنىك ئۈستىدە شەبنەم ۋە تۇمان بولۇش؛ چۈشتىن كېيىن پارنىكنى شامالدىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىپ، نەملىكنى تۆۋەنلىتىش؛ كېچىدە پارنىك تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ئۆرلىتىپ، شەبنەمنى ئازايتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەل تەگكەن تۈپلەرنى ۋاقتىدا يۇلىۋېتىپ، كېسەل باكتېرىيەسى تارقىلىپ كېسەل يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مۇچ تۈپىدە كېسەل پەيدا بولغاندىن كېيىن، كېسەل تەگكەن يوپۇرماق، مېۋە ۋە كېسەل ئېغىر تۈپلەرنى ۋاقتىدا يۇلۇپ، بىر يەرگە دۆۋىلەپ كۆيدۈرىۋېتىش كېرەك. كۈل رەڭ پاختىلىشىش كېسىلىنى يوقىتىشتا %50لىك سۇمىلېكس (سۇكېلىڭ 速克灵)نىڭ 2000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ياكى %50لىك روۋرال (پۇخەييىن 扑海因)نىڭ 1500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىنى 6-7 كۈندە بىر قېتىمدىن ئۇدا 2-3 قېتىم پۈركۈش كېرەك. ئەگەر، پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، نەملىكى يۇقىرى بولسا، تېز ئۈنۈملۈك ئائېروزول (يىشۈنلىڭ يەنۋۇجى 一薰灵烟雾剂) بىلەن ئۇدا 2-3 قېتىم ئىسلىسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.