باش بەت>باغۋەنچىلىك

كاۋا داغ كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يوقىتىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 17:53:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:


ئالامىتى: كاۋا ۋە يوپۇرمىقىدا يۇمىلاق ئاق رەڭلىك كىچىك داغلار شەكىللىنىدۇ، داغنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا قارا رەڭلىك كىچىك چىكىت پەيدا بولىدۇ، مېۋىدىكى كېسەل دېغى سەل بۆرتۈپ چىقىدۇ.

كېسەل پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى: كېسەل باكتېرىيەسى نورمال تېمپېراتۇرا ۋە يۇقىرى نەملىك مۇھىتىدا تارقىلىدۇ، كۆپىنچە ئەتىياز ۋە باش يازدا يامغۇر ياغقاندىن كېيىن كېسەل قوزغىلىپ، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ كېسەل تەدرىجىي يېنىكلەيدۇ.

ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىش ئۇسۇلى

1. دېھقانچىلىق تەدبىرى: كېسەل ئېغىر كۆرۈلگەن يەر ۋە كاۋا-قاپاق تۈرىدىكىلەردىن باشقا كۆكتات تېرىغان يەرنى ئۈچ يىلدىن كۆپرەك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش كېرەك. ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش، فوسفورلۇق، كالىيلىق ئوغۇت مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سۇغىرىشنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش، يامغۇردىن كېيىن ئېتىزدىكى سۇنى چىقىرىۋېتىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، كېسەل تەگكەن مېۋە، يوپۇرماقلارنى ۋاقتىدا پۇتاپ، ئېتىزدىكى كېسەل مەنبەسىنى ئازايتىش؛ پېلەكنى ئېسىش، مېۋە يىغىۋېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى يوپۇرماقتىكى شەبنەم قۇرىغاندىن كېيىن قىلىش كېرەك.

2. ئۇرۇقنى پاكلاش: ئۇرۇقنى55 لۇق سۇغا 15 مىنۇت چىلاپ ياكى %40لىك فورمالىن (فۇئېرمالىن 福尔马林)نىڭ 150 ھەسسىلىك ئېرىتمىسىگە 30 مىنۇت چىلاپ، سۇدا چايقىۋەتكەندىن كېيىن تېرىش كېرەك.

3. دورا ئارقىلىق يوقىتىش: كېسەل كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە %75لىك داكونىل (بەيجۈنچىڭ百菌清) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %50لىك كاربېندازىم (دوجۈنلىڭ多菌灵) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 500 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %70لىك مېتىل توپسىن (جياجىتوبۇجىن 甲基托布津) نەملىنىشچان پاراشوكىنىڭ 800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %2لىك نوڭكاڭ 120 (农抗120) سۇيۇق دورىسىنىڭ 200 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %2لىك ئاستىرومىسىن (ۋۇيىمېيسۇ武夷霉素) سۇيۇق دورىسىنىڭ 200 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، %50لىك لىدې (利得) نەملىنىشچان پاراشوكنىڭ 1000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى، 80%لىك داشېڭ (大生) نەملىنىشچان پاراشوكنىڭ 800 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى ۋە %25لىك شىباۋكې (施保克) ئېمۇلسىيەسىنىڭ 4000 ھەسسىلىك ئېرىتمىسى قاتارلىق دورىلارنىڭ خالىغان بىرىنى تاللاپ تۇمانلىتىپ پۈركۈسە بولىدۇ.