باش بەت>باغۋەنچىلىك

باش كۈزدە پالەك تېرىش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 18:26:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:


باش كۈزدە تېرىغان پالەكنىڭ ئۆسۈش مەزگىلى 30-40 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆسۈش ۋاقتى قىسقا بولغاچقا، تېز بازارغا سېلىپ، يۇقىرى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

تۇپراق تاللاش

پالەكنىڭ تۇپراققا بولغان تەلىپى يۇقىرى ئەمەس، قۇمساڭغۇ تۇپراققا تېرىسا بالدۇر پىشىدۇ، سېغىز تۇپراققا تېرىسا مەھسۇلاتى ياخشى بولىدۇ. كىسلاتاغا چىدامچانلىقى ئاجىز، PH قىممىتى 5.5-7 بولغان تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ، PH قىممىتى 5.5تىن تۆۋەن ياكى سەككىزدىن يۇقىرى بولسا، ياخشى ئۆسەلمەيدۇ.

تېرىش ۋاقتى

8-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى تېرىسا، 9-ئاينىڭ ئاخىرىلىرى بازارغا سالغىلى بولىدۇ. ئىسسىققا چىداملىق، يۇقىرى مەھسۇلاتلىق، يۇمىلاق يوپۇرماقلىق سورتنى تاللاپ تېرىسا بولىدۇ.

ئاساسىي ئوغۇت بىلەن يېتەرلىك ئوغۇتلاش

پالەكنىڭ ئازوت بىلەن كالىينى سۈمۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە ھەر مو يەرنى بىر توننا تولۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت، kg80 ئۈچ ئېلېمېنتلىق بېرىكمە ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش ھەمدە ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇپراقنىڭ نەملىكىنى %70-%80 ئەتراپىدا تىزگىنلەش كېرەك.

مۇۋاپىق ۋاقىتتا تېرىش

پالەكنى باش كۈزدە تېرىغاندا تولۇق مايسا چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇرۇقنى ئاۋۋال 15-20لۇق سۇغا بىر كۈن چىلاپ قويۇپ، بىخلانغاندىن كېيىن نەم ھالەتتە تېرىش كېرەك. كۈزدە تېمپېراتۇرا يۇقىرى، ھۆل-يېغىن كۆپ، شۇڭا ئۇرۇقنى بەك كۆپ سالماسلىق كېرەك، ئادەتتە ھەر مو يەرگە kg1.2-kg1.5 ئۇرۇق سالسا مۇۋاپىق. پالەكنى تېرىپ بولغاندىن كېيىن تولۇق ئۈنۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مايسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇقنى نېپىز كۆمۈپ، شال پاخىلى يېيىتسا ياكى يوپۇق ياپسا، كۈچلۈك قۇياش نۇرى بىۋاسىتە چۈشۈشتىن ۋە ھۆل-يېغىن زىيىنىدىن ساقلىغىلى بولىدۇ. پالەك ئىككى تال ھەقىقىي يوپۇرماق چىقارغاندىن كېيىن، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېزلىشىدۇ، بۇ چاغدا تېز ئۈنۈملۈك ئازوت ئوغۇتى بىلەن 1-2 قېتىم ئوغۇتلاش كېرەك.