باش بەت>باغۋەنچىلىك

تەرخەمەككە كالتسىي تولۇقلىغاندا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 18:30:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:


ئاساسىي ئوغۇت: تولۇق چىرىگەن ئورگانىك ئوغۇت، فوسفور ۋە كالىي ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلاشنى ئاساس قىلىپ، قۇمساڭغۇ تۇپراقنى كالتسىي-ماگنىي-فوسفور ئوغۇتى، كالتسىي سۇپىر فوسفات (گولىنسۈەنگەي 过磷酸钙)، كالتسىي نىترات (شياۋسۈەنگەي 硝酸钙) ئوغۇتى بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش؛ كونا كۆكتاتلىق ۋە ئېڭىز يېرىگە مۇۋاپىق مىقداردا ھاك چېچىش كېرەك. ھەر مو يەرنى يىلدا kg1.67-kg3.33 كالتسىي ئوغۇتى بىلەن ئوغۇتلىسا بولىدۇ.

يوپۇرماق ئوغۇتى: ھەر kg100 سۇغا kg1-kg2 كالتسىي سۇپېر فوسفات قوشۇپ، يېرىم سائەت قوچۇپ، ئاندىن بىر دەم تۇرغۇزۇپ، ئېرىتمە ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنگەندە، ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى سۈزۈك قىسمىنى پۈركۈپ ئوغۇتلاشقا ئىشلەتسە بولىدۇ ياكى ئامىنو كىسلاتالىق كالتسىي (ئەنجىسۈەنگەي 氨基酸钙)، كالتسىيلىق چىرىندى كىسلاتا (فۇجىسۈەنگەي 腐殖酸钙)، بىيولوگىيەلىك كالتسىي ئوغۇتى (شېڭۋۇگەيفېي 生物钙肥) قاتارلىقلارنى تەرخەمەكنىڭ كالتسىي قوبۇل قىلىشى ئەۋجىگە چىققان مەزگىلدە پۈركۈش كېرەك.

ئازوت-كالىي ئوغۇتى بىلەن ئىلمىي ئوغۇتلاش: ئاممونىي ئىيونى بىلەن كالىي ئىيونى ۋە كالتسىي ئىيونى ئۆزئارا قارىمۇ-قارشى تەسىرلىشىدىغان بولۇپ، تۇپراقتا ئاممونىي ئىيونى بىلەن كالىي ئىيونىنىڭ مىقدارى كۆپ ھەمدە ئازوت-كالتسىي نىسبىتى يۇقىرى چاغدا كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشى تىزگىنلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئازوت، كالىي ئوغۇتىنىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، ئىلمىي ئوغۇتلاپ، ئازوت، كالىي ئوغۇتى بەك كۆپ بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ئورگانىك ئوغۇت بىلەن كۆپرەك ئوغۇتلاش: ئورگانىك ئوغۇتنىڭ تەركىبىدە ئورگانىك ماددا ۋە كۆكتاتلار ئېھتىياجلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلار مول بولۇپ، ئۇ بىر مۇكەممەل ئوغۇت، شۇنداقلا تۇپراقنى ياخشىلاش، يەرنى كۈچلەندۈرۈشتەك ئالاھىدە رولى بار.

بور ئوغۇتى بىلەن مۇۋاپىق ئوغۇتلاش: بور ئوغۇتى مۇۋاپىق بېرىلسە، يوپۇرماق ھاسىل قىلغان كاربون-سۇ بىرىكمىسىنىڭ يىلتىزغا توشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى يىلتىز چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ، كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىلىق. شۇڭا، تۇپراق ۋە يوپۇرماقتىن كالتسىي تولۇقلىغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا بوراكس (پېڭشا 硼砂) ئارىلاشتۇرىۋەتسە، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.