باش بەت>باغۋەنچىلىك

ئاق تۇرۇپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-10 18:52:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:تۇراپجان داۋۇت مەسئۇل مۇھەررىر:


تۇرۇپ تېرىشتا چوقۇم ئوغۇت سەرپىياتى تۆۋەن، قالدۇق ئورگانىك ماددىلار كۆپ بولغان، ئوخشاش تۈردىكى كېسەل ۋە ھاشارات ئاپىتى بولمىغان زىرائەت ئېڭىزىنى تاللاش، ھەرگىز كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئوتياشلار تېرىلغان ئېتىزغا تېرىماسلىق لازىم، بولمىسا ئاسانلا كېسەل پەيدا بولىدۇ. تۇرۇپ قۇمساڭغۇ تۇپراققا مايىل بولۇپ، يۇقىرى ۋە سۈپەتلىك مەھسۇلات ئېلىش ئۈچۈن تۇپراق قاتلىمى چوڭقۇر، تۇپرىقى بوش، سۇ چىقىرىۋېتىش شارائىتى ياخشى، بىرقەدەر مۇنبەت قۇمساڭغۇ تۇپراقنى تاللاش كېرەك. مۇۋاپىق كېلىدىغان تۇپراقتا يېتىشتۈرسە، تۇرۇپ ئوبدان يوغىناپ، تۈز، پوستى پارقىراق، رەڭگى كۆركەم  بولىدۇ.

يەر تەييارلاش يەرنى چوڭقۇر ئاغدۇرۇش ۋە تۈزلەش، تەكشى ئوغۇتلاش كېرەك، شۇندىلا تۇپراق تەركىبىدىكى ئۈنۈملۈك ئوزۇقلۇق ماددىلار ۋە پايدىلىق مىكرو ئورگانىزملارنى كۆپەيتكىلى ھەمدە يەرنى يۇمشىتىپ، ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. بۇ تۇرۇپنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە سۇ سۈمۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ، يوپۇرمىقى، بېشى تېز يوغىنايدۇ. ھەر مو يەرنى kg75 ئۈچ ئېلېمېنتلىق بىرىكمە ئوغۇت (سەنيۈەن فۇخېفېي 三元复合肥)نى ئاساس قىلىپ ئوغۇتلىغاندىن كېيىن تۇپراقنى پاكلاپ، يەر ئاستىدىكى زىيانداش ھاشاراتلاردىن مۇداپىئە كۆرسە بولىدۇ.

تېرىش تۇرۇپ ئۇرۇقى سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى تۇرۇپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە مەھسۇلاتىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مايسىنىڭ رەتلىك، تولۇق ۋە تىمەن ئۆسۈپ چىقىشى ئۈچۈن، چوقۇم ئۇرۇقنىڭ ياخشىسىنى، يەنى تولۇق پىشقان، كېسەلسىز ئۇرۇقنى تاللاش، پۈچەك، ئېزىلىپ كەتكەن ۋە كۆكىرىپ قالغان ئۇرۇقلارنى شاللىۋېتىش لازىم. كۈزلۈك تۇرۇپ تېرىشتا ئۇۋىلاپ تېرىش ياكى چۆنەكلەپ تېرىش كۆپرەك قوللىنىلىدۇ. ئۇرۇق مىقدارى قالدۇرىدىغان مايسىنىڭ شالاڭ ياكى زىچلىقىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئۇۋىلاپ تېرىشتا ئۇۋا ئارىلىقى 25cm-30cm قىلىپ، ھەر بىر ئۇۋىغا 4-5 تال ئۇرۇق سالسا، مايسا بەك زىچ بولۇش سەۋەبىدىن سۈپىتىگە تەسىر يېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

پەرۋىش قىلىش مايسا بىخلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئۆسۈشى تېز بولىدۇ. مايسىنىڭ قىستىلىپ قېلىش ۋە بەك ئاينىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ۋاقتىدا تاقلاش لازىم. بالدۇرراق مايسا بېكىتىش، قېتىمغا بۆلۈپ تاقلاش، دەل ۋاقتىدا تاقلاش ئارقىلىق، مايسىنىڭ تەكشى ۋە تىمەن ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئادەتتە، 2-3 قېتىم تاقلاش، تاقلىغاندا ئاجىز، شەكلى ئۆزگەرگەن، ھاشارات زىيان سالغان مايسىلارنى يۇلىۋېتىش لازىم.

سۇغىرىش سۇغىرىش ئاساسەن تۇرۇپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەر بىر ئۆسۈش مەزگىلىدىكى سۇغا بولغان ئېھتىياجى ھەمدە ھاۋا شارائىتى، تۇپراق ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. تېرىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ھاۋا قۇرغاق بولسا، دەرھال سۇغىرىش، مايسا بىخلىنىشقا باشلىغاندا يەنە بىر قېتىم سۇغىرىش ئارقىلىق، يەرنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، مايسىنىڭ رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ۋىرۇس كېسىلى يۈز بېرىشنى ئازايتىش كېرەك.

قوشۇمچە ئوغۇتلاش كۈزلۈك تۇرۇپ چوڭ ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى تۇرۇپ سورتىغا تەۋە بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى ئۇزۇن بولىدۇ. تېرىشتىن ئىلگىرىكى ئاساسىي ئوغۇتنى يېتەرلىك بېرىش ئاساسىدا يەنە مۇۋاپىق ھالدا قوشۇمچە ئوغۇتلاش لازىم. بولۇپمۇ، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى بىرقەدەر تۆۋەن، ئاساسىي ئوغۇتى يېتەرلىك بولمىغان يەرلەرنى قوشۇمچە ئوغۇتلاش ئارقىلىق، مەھسۇلاتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئوغۇتلىغاندا ئازوت ئوغۇتى ياكى قىغنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئوغۇتلاش لازىم. تۇرۇپنىڭ «قورساق»ى يېرىلغاندىن كېيىن، يوپۇرمىقى ئۆسۈش مەزگىلىگە، يەنى تۈپلىنىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. يوپۇرماقنىڭ يوغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئازوت ئوغۇتى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئوغۇتلاش مۇۋاپىق؛ بېشى يوغىناش مەزگىلىگە كىرگەندە بىرىكمە ئوغۇت بىلەن بىر قېتىم قوشۇمچە ئوغۇتلاش تۇرۇپنىڭ يوغىنىشىغا پايدىلىق. ھوسۇل يىغىشتىن 20 كۈن ئىلگىرى ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئۇدا ئىككى قېتىم %0.2لىك كالىي دى ھىدرو فوسفات (لىنسۈەنئېرچىڭجيا 磷酸二氢钾)نى يوپۇرماققا پۈركۈسە، مەھسۇلات ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.