باش بەت>باغۋەنچىلىك

قىشتا چىلاننى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلاردىن ساقلاش تەدبىرلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2017-11-15 12:42:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:پاشاگۈل ئابدۇراخمان مەسئۇل مۇھەررىر:


چىلانلىقنى پاكىز تازىلاش  غازاڭ چۈشكەندىن كېيىن چىلانلىقنى پاكىز تازىلاپ، غازاڭ، قالدۇق مېۋە ۋە چاتىغاندا چۈشۈپ قالغان قۇرۇق شاخ، كېسەل تەگكەن، قۇرت چۈشكەن شاخنى يىغىپ كۆيدۈرۈۋېتىش ياكى چوڭقۇر كۆمۈۋېتىش كېرەك.

دەرەخ قوۋزىقىنى قىرىش، غولىغا پاسار، پاخال باغلاپ ھاشاراتنى جەلپ قىلىش  قىشلايدىغان لىچىنكا دەرەختىن چۈشۈپ قورچاققا ئايلىنىشتىـن ئىلگىـرى ۋاقتىدا دەرەخ غولىنىڭ يىرىك قـوۋزىقىنىcm15ـcm 10كەڭلىكتە ھالقىسىمان قىرىپ(سىلىق بولغىچە) ھەم پاسار، پاخال باغلاپ قويۇپ، ئۆزەك قۇرتى قاتارلىق ھاشاراتنى دەرەختىن چۈشۈپ قىشلاشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىش  باش قىشتا باغنى تازىلاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزەك قۇرتى قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلار سەۋەبىدىن تۆكۈلگەن مېۋە، قۇرت چۈشكەن شاخنى، تۈپتىكى كېسەل تەگكەن قالدۇق مېۋىنى ۋاقتىدا يىغىپ كۆيدۈرۈپ ياكى چوڭقۇر كۆمۈپ، ئىككىنچى يىلىدىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ مەنبەسىنى ئازايتىش كېرەك.

دەرەخ غولىنى قىرىش، ئاقارتىش  يېتىلگەن ھاشاراتلار تۇخۇملاشتىن ئىلگىرى غولدىكى يىرىك، يېرىلغان قوۋزاقنى ئىچىدىكى قىزىل قوۋزاق كۆرۈنگىچە سىلىق قىرىش كېرەك. ئاندىن 10 ئۈلۈش سۇ، ئۈچ ئۈلۈش ئۆچۈرۈلمىگەن ھاك، 0.5 ئۈلۈش ھاك-گۈڭگۈرت بېرىكمىسى ئەسلى سۇيۇقلۇقى ۋە ئازراق ياغنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاقارتىش ئېرىتمىسى تەييارلاپ، تۈپ غولىنى ئاقارتىش كېرەك. ئاساسىي غولنىڭ قوۋزىقىنى بىر مېتىر ئېگىزلىككىچە قىرىپ، ئاقارتىپ، ھاشاراتلارنىڭ تۇخۇملاپ زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چىلان يېپىشقاق قۇرتى قورچىقىنى يوقىتىش، كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلانىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، تۈپنىڭ سوغۇققا چىدامچانلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

توپا باستۇرۇپ ھاشارات يوقىتىش  قىشتا ئاساسىي ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلاش، باغنى ئاغدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، دەرەخ تاجى دائىرىسى ئىچىدىكى cm10 قېلىنلىقتىكى توپىنى ئوغۇتلاش ئورىكى تېگىگە كۆمۈپ ياكى يەرگەcm20 قېلىنلىقتا توپا يېيىتىپ، ئۆزەك قۇرتىنىڭ قىشلىغان لىچىنكىسى ياكى يېڭىدىن قورچاقتىن چىققان يېتىلگەن ھاشارىتىنى يوقاتسا بولىدۇ.

دەرەخ كامىرىنى ئېتىش  قېرى تۈپنىڭ كامىرى كېسەللىك، زىيانداش ھاشاراتلار پەيدا بولىدىغان جاي بولۇپلا قالماي، يەنە يېپىشقاق قۇرت قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار قىشلايدىغان جايدۇر. قىشتا 10 ئۈلۈش سېغىز توپا، ئۈچ ئۈلۈش سامان، ئازراق ھاشارات يوقىتىش دورىسىنى سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ لاي ئېتىپ، دەرەخ كامىرىنى ھىم ئېتىۋېتىپ، كاماردا قىشلىغان ھاشاراتنى يوقىتىش كېرەك.

ھاشارات تەگكەن شاخنى چاتاش  قىشلىق چاتاشقا بىرلەشتۈرۈپ، ھاشاراتلار تەگكەن شاخلارنى چاتىۋېتىش كېرەك. ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان چوڭ شاخنىڭ ئۈستىدىكى قىشلىغان ھاشاراتنى سىم چوتكىدا چوتكىلاپ چۈشۈرۈش كېرەك. يەنە، سېرىق تىكەنلىك پەرۋانە غوزىكىنىمۇ چۈشۈرۈۋېتىش كېرەك.