باش بەت>باغۋەنچىلىك

شاپتۇلنى قانداق ساقلاش ۋە توشۇش كېرەك؟

يوللانغان ۋاقىت:2018-04-20 13:08:00 مەنبە:شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇھەررىر:زۇلخۇمار تۇردى مەسئۇل مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


«شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گېزىتى» كاندىدات مۇخبىرى خې مېڭ خەۋىرى: شاپتۇلنى قانداق ساقلاش، توشۇش مەسىلىسى توغرىسىدا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ئورمانچىلىق ئىلمى ۋە باغۋەنچىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى جوۋ لۇڭ مۇنداق دېدى: شاپتۇل پىشىش مەزگىلىدە نەپەسلىنىشى يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەزگىل تومۇزغا توغرا كەلگەچكە ساقلىماق تەس. ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئۈستىنى ئوچۇق قويۇپ ساقلىسا، ئاسانلا سۈيى قاچىدۇ، يېنىكلەيدۇ، ھەتتا سېسىيدۇ. يېڭى پېتى ساقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە مۇۋاپىق ۋاقىتتا ھەم ئىلمىي ئۇسۇلدا يىغىۋېلىش كېرەك. شاپتۇل ساقلاشتا كۆپىنچە ھاۋاسى تەڭشىلىدىغان يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى، سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدا ساقلاش، يېڭى پېتى ساقلاش دورىسى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭدا تۆۋەن تەننەرختە شاپتۇلنى سۈپەتلىك ساقلاش، توشۇشقا قارىتا جوۋ لۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچىدىن، يىغىۋېلىش ۋاقتىنى توغرا ئىگىلەش، يەنى تولۇق پىشقىچە ساقلىماي، پىشاي دېگەندىلا ئۈزۈش، ئەڭ ياخشىسى سەھەر ۋە كەچتە تېمپېراتۇرا بىرقەدەر تۆۋەن ۋاقىتتا ئۈزۈپ، نەپەسلىنىشىنى پەسەيتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۈزۈش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىش، ئاستا ئۈزۈپ، يېنىك قويۇش، تارتىپ ئۈزۈش سەۋەبىدىن زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قايچا ئىشلىتىش، ئىمكانقەدەر ئازراق ساپاق قالدۇرۇش، مېۋە يۈزىنى زەخىملەندۈرمەسلىك كېرەك. يەنە، ئالدىن سوۋۇتۇش ۋە قاچىلاش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەش، قاچىلىغاندا يېشىك تېگىگە يۇمشاق كۆك ئوت–چۆپ، ياكى سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك تازىلىق قەغىزى سېلىش، شاپتۇلنى رەتلىك تىزىش، شارائىت بولسا شاپتۇلنى پاخپاق مېۋە تورىدا ئوراش كېرەك. ھىم قاچىلىغاندىن كېيىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئالدىن سوۋۇتسا، ساقلاش ۋاقتىنى كۆرۈنەرلىك ئۇزارتقىلى بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، شاپتۇلنى ئۇزۇن مەزگىل ساقلاشقا بولمىغاچقا، سېتىپ بولالمىغانلىرىنى مۇراببا، قاق قىلىش ئارقىلىق زىياننى ئازايتسا بولىدۇ.