باش بەت>يېزا ئىگىلىك مەبلىغى

بۇغداي كومبايىنىدا بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش تەدبىرلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 14:55:00 مەنبە:ئۇچۇر گۈلزارى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر


1. مەشغۇلات سۈرئىتىنى توغرا تاللاش كېرەك. نورمال ئەھۋالدا يەر تۈز، زىرائەتنىڭ پىششىشى بىردەك ھەمدە سارغىيىپ پىشىش مەزگىلىدە بولسا ھەمدە ئېتىزدا ئوت چۆپ ئازراق بولسا، كومبايىننىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تىزلەتسە بولىدۇ. سۈتسىمان پىشىش مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋە سارغىيىپ پىشىش مەزگىلىنىڭ دەسلىپىدە زىرائەتنىڭ نەملىكى كۆپرەك بولىدۇ، بۇ مەزگىلدە كومبايىننىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك. زىرائەت سارغىيىپ پىشىش مەزگىلىنىڭ ئاخىرىدا زىرائەتنىڭ نەملىكى ئازراق ھەمدە پىشىشى تەكشى بولسا، يۈرۈش سۈرئىتىنى مۇۋاپىق تېزلەتسە بولىدۇ. يامغۇردىن كېيىن ياكى ئەتىگەن، كەچتە شەبنەم كۆپرەك، زىرائەتنىڭ غولىدا نەملىك كۆپرەك بولغاندا كومبايىننىڭ يۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى چۈشنىڭ ئالدى-كەينىدە زىرائەت غولى قۇرغاق چاغدا يۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك. زىرائەت تۈپلىرى ئىگىز، زىچ، مول ھوسۇللۇق بولسا يۈرۈش سۈرئىتىنى سەل ئاستىلىتىش، زىرائەت تۈپلىرى پاكار، شالاڭ بولسا يۈرۈش سۈرئىتىنى سەل تېزلىتىش كېرەك. كومبايىندا دەسلەپ مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ھەر قايسى زاپچاسلارنىڭ تېخىكىلىق ھالىتى تېخى كۆزىتىش باسقۇچىدا بولغاچقا، مەشغۇلات سىجىللىقىنى ئازايتىش، يۈرۈش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك. بىر مەزگىل ئىشلىتىپ كۆزەتكەندىن كېيىن تېخنىكىلىق ھالىتى ھەقىقەتەن ئىشەنچىلىك ۋە مۇقىم ھالەتكە كىرگەندىن كېيىن ھەمدە زىرائەت پىشىپ قۇرۇشقاندىن كېيىن يۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك.

2. ئورۇش كەڭلىك ھەجىمىنى مۇۋاپىق قىلىش كېرەك. كومبايىننىڭ تېخنىكىلىق ھالىتى ياخشى بولغان ئەھۋالدا ئىمكانقەدەر تولۇق يۈكلۈك مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، ئورۇش كەڭلىك ھەجىمىنى ئورۇش سۇپىسى كەڭلىكىنىڭ %90 ى ئەتراپىدا ئىگىلەش كېرەك، لېكىن كومبايىنغا كىرىدىغان زىرائەت مىقدارى بەلگىلەنگەن قىممەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، شۇنداقلا ئالا ئورۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

3. ئېڭىزنى مۇۋاپىق قالدۇرۇش كېرەك. نورمال ئورۇشقا كاپالەتلىك قىلغان ئەھۋالدا، قالدۇق ئېڭىز ئىمكانقەدەر قالدۇرۇلۇشى، لېكىن ئەڭ پەس بولغاندا 6 سانتىمېتىردىن قىسقا بولماسلىقى لازىم، بولمىسا كومبايىننىڭ ئورۇش تىغلىرىغا لاي-توپا كىرىپ كېتىدۇ، بۇنداقتا تىغنىڭ ئۇپرىشى تېزلىشىدۇ ۋە ئاسان بۇزۇلىدۇ. قالدۇرۇلدىغان ئېڭىز ئادەتتە 15 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

4. مەشغۇلات جەريانىدا يۈرۈش ئۇسۇلىنى توغرا تاللاش كېرەك. كومبايىننىڭ مەشغۇلات جەريانىدا يۈرۈش ئۇسۇلى ئۈچ خىل بولىدۇ: 1. سائەت سىتىرىلكىسى يۆنىلىشىدە ئايلىنىش ئۇسۇلى؛ 2. سائەت سىتىرىلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىش ئۇسۇلى؛ 3. موكىسمان ئورۇش ئۇسۇلى. كونكرېت مەشغۇلات جەريانىدا كومبايىن شوپۇرلىرى يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ ئۇسۇللارنى جانلىق تاللاپ قوللانسا بولىدۇ. ئومۇمىي پىرىنسىپ: بىرىنچى، يىغىۋېلىنغان بۇغداينى چۈشۈرۈشكە قولايلىق بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچى، كومبايىن ئىمكانقەدەر قۇرۇق يۈرمەسلىكى كېرەك.

5. مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ئىمكانقەدەر تۈز سىزىق ھالىتىدە يۈرۈشنى ساقلاش كېرەك. كومبايىندا مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ئىمكانقەدەر تۈز سىزىق ھالىتىدە يۈرۈشنى ساقلاش كېرەك، ئازراق يۆنىلىش ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلىدۇ. بۇرۇلغاندا چوقۇم ئورۇشنى توختىتىش، كەينىچە ئايلىنىش ياكى ئورنىدا تۇرۇپ بۇرۇلۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك، بىر تەرەپتىن ئورۇۋېتىپ بىر تەرەپتىن بۇرۇلۇشقا بولمايدۇ.

6. كومبايىننى مۇۋاپىق ئىشلىتىش كېرەك. زىرائەتنىڭ سۈتسىمان پىشىش مەزگىلىدە يەنى دېنى تولۇق قاتمىغاندا ئورۇش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ؛ يېتىپ كېتىشى بەك ئېغىر بولغان زىرائەتلەرنى كومبايىندا ئورۇش مۇۋاپىق ئەمەس؛ يامغۇر ياغقاندىن كېيىن، غولى بەك نەم چاغدا كومبايىندا ئورۇش مۇۋاپىق ئەمەس. كومبايىندا مەشغۇلات قىلغۇچىلار ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈشى، كومبايىندا ئورۇشقا مۇۋاپىق كەلسىلا دېھقانلارنىڭ تەلىپىنى ئىمكانقەدەر قاندۇرۇشى لازىم، ئايرىم ئالاھىدە ئەھۋاللاردا كومبايىندا ئورۇشقا توغرا كەلمىسە دېھقانلارغا ياخشى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.