باش بەت>يېزا ئىگىلىك مەبلىغى

كۆممىقوناق يىغىش ماشىنىسىنى سىلىقلاشتۇرۇپ ئاسىراش ساۋاتلىرى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 16:06:00 مەنبە:ئۇچۇر گۈلزارى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

1. چۈشەندۈرۈشنامىدىكى ۋاقىت، ماينىڭ تىپ نومۇرى، ئورۇن توغرىسىدىكى تەلەپ بويىچە سىلىقلاشتۇرۇش كېرەك.

2. سىلىقلاشتۇرۇش مېيى قاچىلىنىدىغان قاچا- سايمانلار پاكىزە بولىشى، سىلىقلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى ماي قۇيۇش سايمىنى قاتارلىقلارنى ۋە سىلىقلاشتۇرۇلىدىغان جايدىكى ماي يۇقلىرى ۋە چاڭ – توزانلارنى سۈرتۈپ چىقرىۋېتىش كېرەك.

3. ئوق كۆزنىكى، ئوققازان قاتارلىق سۈركىلىپ تۇرىدىغان ئورۇنلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى دايىم تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ماي ھىملىگۈچتىن ماي سىرغىغانلىقى، تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا دەرھال رېمونت قىلىش ۋە سىلىقلاشتۇرۇش كېرەك.

4. زەنجىرنى سىلىقلاشتۇرۇشنى ماشىنا توختىغان ھالەتتە ئېلىپ بېرىش، سىلىقلاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى زەنجىردىكى ماي يۇقلىرىنى سۈرتىۋېتىش، سىلىقلاشتۇرۇش مېيىنى تەكشى سۈرۈش كېرەك.

5. يۈرۈش مۇفتىسىنىڭ ئايرىغۇچى ئوققازىنى ۋە ئوق كۆزنىكىنى چوقۇم يىلدا بىر قېتىم چۇۋۇپ ئېلىپ سىلىقلاشتۇرۇش كېرەك.

6. كۆممىقوناق يىغىش ماشىنىسىنى سىناپ يۈرگۈزۈش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ياكى ماشىنا ئۇزاقىراق ئىشلگەندىن كىيىن، چىشلىق چاق مېيى، ماتورنىڭ ئاستى قېپىدىكى مايلارنى ئالماشتۇرۇش ياكى سۈزگەندىن كىيىن ئىشلىتىش لازىم، ئادەتتە ھەپتىدە بىر قېتىم تەكشۈرۈش، ماي سىرغىغانلىقى، ماينىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى بايقالغاندا دەرھال ماي قوشۇش كېرەك.

7. غول يىغىش چاقى قاتارلىق جايلاردىكى ياغاچ ئوق كاھىشىنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى 120 – 130 سېلسىيە گىرادوسلۇق ئاپتولدا 2 سائەت قاينىتىپ، ئۈستىگە سالىدول سۈرگەندىن كىيىن قۇراشتۇرۇش كېرەك.

8. ھەر بىر پەسىلدىكى مەشغۇلات ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بارلىق مايلانغان ئوققازانلارنى چۇۋۇپ ئېلىپ ئىسسىق ئاپتولغا ئىككى سائەت چىلاپ ماي تولۇقلاش كېرەك.

دېزىل ماتورنىڭ سۇ باكىدىكى سۇ دۇغلىرىنى يوقىتىشنىڭ ئەپچىل چارىسى

دېزىل ماتورنىڭ سۇ باكىدىكى سۇ دۇغلىرىنى چوقۇم ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرۇش كېرەك، سۇ دۇغلىرى يىغىلىپ قېتىۋالسا سۇ باكىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە دېزىل ماتورنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمىرىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا دېزىل ماتورنىڭ سۇ باكىدىكى سۇ دۇغلىرىنى ئۈزۈل – كېسىلى چىقارغىلى بولىدۇ.

1) كىلوگىرام سۇ، 2.5 كىلوگىرام خېشىڭنا، 9.6 كىلوگىرام كىرسىننى ئارىلاشتۇرۇپ تازىلاش سۇيۇقلۇقى تەييارلانغاندىن كىيىن سۇ باكىغا قۇيۇلىدۇ. 2) دېزىل ماتور ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ئوتتۇرا تېزلىكتە 10 مىنۇتچە ئايلانغاندىن كىيىن ماتورنىڭ ئوتى ئۆچۈرىلىدۇ. 10 – 12 سائەتتىن كىيىن دېزىل ماتور يەنە ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ئوتتۇرا تېزلىكتە 10 مىنۇتچە ئايلانغاندىن كىيىن ماتورنىڭ ئوتى ئۆچۈرىلىدۇ، ئاندىن تازىلاش سۇيۇقلۇقى چىقىرىۋېتىلىدۇ. پاكىزە سوۋۇتۇش سۈيى قۇيۇلغاندىن كىيىن دېزىل ماتور ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ ئوتتۇرا تېزلىكتە 10 مىنۇتچە ئايلاندۇرۇلۇپ تازىلىنىدۇ. موشۇنداق قىلىشنى 2 – 3 قېتىم تەكرارلىغاندا سۇ دۇغلىرى ئۈزۈل – كېسىل، پاكىزە تازىلىنىپ بولىدۇ.