باش بەت>يېزا ئىگىلىك مەبلىغى

تىراكتۇر مەشغۇلاتىدا ماي تېجەشنىڭ يەتتە تېخنىكىسى

يوللانغان ۋاقىت:2016-06-13 16:11:00 مەنبە:ئۇچۇر گۈلزارى مۇھەررىر:ئەكرەمجان ئەكبەر

1. بۇرما، ۋېنتىلارنى چىڭىتىش كېرەك. ماتۇر تېرەك جازىسى بىلەن تېزلىك ئۆزگەرتىش كوروپكىسى ئارىسىدىكى بۇرما، ۋېنتىلار بوشاپ قالسا، ماي سەرپىياتى ئاشىدۇ.

2. چاق بالونىنىڭ ھاۋا بېسىمىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ھاۋا بېسىمى بەك يۇقىرى بولسا ياكى يېتەرلىك بولمىسا، تىراكتۇرنىڭ يۈرۈش قارشىلىق كۈچى ئېشىپ، ماينىڭ خورىشى كۆپ بولىدۇ.

3. ھاۋا سۈزگۈچنى تازىلاش كېرەك. ئەگەر ھاۋا سۈزگۈچ توغرا كەسمە يۈزىنىڭ ئۈچتەن بىر قىسمى توسۇلۇپ قالسا ماينىڭ خورىشى %1.7 ئاشىدۇ.

4. ماي بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرىلىتىش بۇلۇڭىنى تەڭشەش كېرەك. مەسىلەن 195 – نومۇرلۇق دېزىل مېيىنىڭ ماي بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرىلىتىش بۇلۇڭى 16 – 20 گىرادۇس بولىدۇ، ئۇنىڭغا ماي پۈركۈش پومپىسى بىلەن چىشلىق چاق كورۇپكىسى ئارىسىدىكى قىستۇرمىنى تەڭشەش ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ ماي بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرىلىتىش بۇلۇڭى كىچىك بولۇپ قالسا دېزىل مېيى تولۇق كۆيمەيدۇ - دە، ماينىڭ خورىشى ئاشىدۇ.

5. كىلاپان يوچۇقىنى تەڭشەش كېرەك. كىلاپان يوچۇقىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى ھاۋا تولۇقلاش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ،كىلاپان يوچۇقى بەك چوڭ بولسا ماينىڭ خورىشى %15 - %20 ئاشىدۇ.

6. تۇپراق نەملىكىگە قاراپ، مۇۋاپىق پەيتتە مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك. ھەر خىل تۇپراقنىڭ قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر كىچىك بولىدىغان نەملىك دائىرىسى بولىدۇ، بۇ دائىرىدە مەشغۇلات ئېلىپ بارغاندا ماي سەرپىياتى تۆۋەن بولىدۇ.

7. مۇۋاپىق يۈرۈش، توغرا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش كېرەك. مەشغۇلات جەريانىدا مەشغۇلات قىلىنىدىغان يەرلەرنى ، تىراكتۇرنىڭ يۈرۈش لېنىيىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇق مېڭىش ۋە بۇرۇلۇش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، ماتورنى سەۋەپسىز توختاتماسلىق لازىم. يەر ئاغدۇرغاندا قارشىلىق كۈچى ئاز بولسىمۇ تىراكتۇرنىڭ سۈرئىتىنى بەك تېزلىتىشكە بولمايدۇ، بۇنداقتا يۇقرى خوتتا ماينى ئازىراق بىرىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. ماتورنىڭ سۇ تېمپېراتۇرىسىنى70 ~90 تا ساقلاش، يۈرۈشتىن بۇرۇن ئالدىن ئىسىتىش، تىراكتۇرنى توختاتقاندا ماتورنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق ماي تېجەش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.